UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىجېنيۈەن

جېنيۈەن

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر جېنيۈەن گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ۋۇياڭ ناھىيىسى قىلىپ تەسىس قىلىنغان، سۇڭ سۇلالىسى جېنيۈەن ۋىلايىتى تەسىس قىلغان، كېيىنكى چاغلاردا ۋىلايەت، ئايماق، ئۆلكە مەركىزى بولغان. قەدىمكى زاماندا شەرقىي ئاسىيادىن پايتەختكە بېرىشتىكى ئاساسىي يول بولغان. ۋۇياڭ دەرياسى شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ، شەھەرنىڭ شىمالىدا مەھكىمە، جەنۇبىدا گارنىزون گازارمىسى بار بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بەرپا قىلىنغان، ھازىر سېپىلنىڭ بىر قىسمى ساقلىنىپ قالغان. شەھەر ئىچى ئاساسەن ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبنى ساقلاپ قالغان، تۆت چاسا ھويلىلار ۋە دەريانى بويلاپ سېلىنغان قۇرۇلۇشلار قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن: چىڭلۇڭدۇڭ قەدىمىي قۇرۇلۇش توپى، سىگۇڭ قەسرى، ۋېنبى مۇنارى، تيەنخۇ قەسرى، تەنجيا قەسرى، جۇشېنچياۋ كۆۋرۈكى قاتارلىقلار بار. شەھەرنىڭ غەربىگە16 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ۋۇياڭ دەرياسى مەنزىرىلىك رايونى بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى