UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىشيەنياڭ

شيەنياڭ

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر شيەنياڭ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، قەدىمدە چىن بەگلىكىنىڭ پايتەختى بولغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنچېڭ، ۋېيچىڭ دەپ ئاتالغان، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خەنياڭ ناھىيىسى بولۇپ قۇرۇلغان.جۇ دەۋرى قەبرىستانلىقى، چىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى خەنياڭ شەھەر خارابىسى، غەربىي خەن سۇلالىسى پادىشاھلىرىنىڭ قەبرىسى ھەمدە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ۋۇزېتيەننىڭ ئاپىسىنىڭ قەبرىسى، تاڭ تەيزۇڭنىڭ قەبرىسى ۋە تاڭ گاۋزۇڭ بىلەن ۋۇزېتيەننىڭ بىرلەشمە قەبرىسى قاتارلىق توققۇز پادىشاھنىڭ قەبرىسى بار، يەنە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جاۋرېن ئىبادەتخانىسى، دافو ئىبادەتخانىسى، ياڭ گۇيفېينىڭ قەبرىسى ۋە مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۇددا تۆمۈر مۇنارى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى