جىلىن
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
جىلىن − جىلىن ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى يىللىرىدا جىلىن شەھىرى بىنا قىلىنىپ، جياڭجۈن يامۇلى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىنگەندىن كېيىن نامى جىلىن ئوراغا ئۆزگەرتىلگەن. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن قەدىمىي شەھەر خارابىسى، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كۇڭزى ئىبادەتخانىسى، بېيشەن تېغىدىكى يۈخۇاڭ شىپاڭى، كەنلى قەسرى، شەپقەتچى بۇدساتۋا ئىبادەتخانىسى، لۇڭتەنشەن تېغىدىكى تاغ شەھەر، لىنجياڭ قىيا تاش ئويمىلىرى ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى يەر ئاستى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان يۇۋېن ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىقلار بار.