UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىرىكازې

رىكازې

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر رىكازې شىزاڭنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، قەدىمكى نامى «نيەنچۈمەي». بۇ يەردە ناھايىتى بۇرۇنلا زاڭزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، خۇزاڭ رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى.500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە.14 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا باش ئەمىر زېمىن جياڭچۈ جيەنزەن پاجۇ خانلىقىنى قۇرۇپ، يۈەن، مىڭ سۇلالىلىرى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئەينى چاغدا رىكازې13 زۇڭشى (مەمۇرىي ئورگاننىڭ نامى)نىڭ بىرى بولغان. گېما خانلىقى دەۋرىدە، شىزاڭنىڭ مەركىزى مۇشۇ يەرگە تەسىس قىلىنغان. زاڭزۇچە بىناكارلىق ئۇسلۇبى ئاساسەن ساقلىنىپ قالغان. شىزاڭدىكى ئۈچ چوڭ ئىبادەتخانىنىڭ بىرى بولغان زاشى لۇنبۇ ئىبادەتخانىسى كۆركەم، ھەيۋەتلىك بولۇپ، تارىختا بەنچەن تۇرىدىغان جاي قىلىنغان. شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا سۇڭ، يۈەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى قىممەتلىك قۇرۇلۇشلاردىن شيالۇ ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى