UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىجىڭدېجېن

جىڭدېجېن

جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر جىڭدېجېن جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان.1949 - يىلى جىڭدېجېن شەھەر قىلىنغان. ئېسىل فارفور بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردە داڭقى چىققان، «فارفور شەھىرى» دېگەن نامى بار. ئۆتمۈشتە، خۇبېيدىكى خەنكۇ بازىرى، گۇاڭدۇڭدىكى فوشەن بازىرى، خېنەندىكى جۇشيەن بازىرى بىرلىكتە ئېلىمىزدىكى داڭلىق تۆت بازار، دەپ ئاتالغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ فارفور بۇيۇملار ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىنىپ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە تارتۇق قىلىنىدىغان بۇيۇمغا ئايلىنىپ، «يالغان قاشتېشى بۇيۇم» دەپ ئاتالغان. سۇڭ سۇلالىسىنىڭ جىڭدې يىللىرىدا سۇڭ جېنزۇڭ «جىڭدې يىلنامىسى» نى يولغا قويغان، جېڭدېجىن فارفور قاچىلىرىنىڭ داڭقى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە دۇنياغا داڭلىق چىڭبەيخۇا فارفورى كەشىپ قىلىنغان. ھازىر ساقلىنىۋاتقان خۇتيەن قەدىمكى فارفور خۇمدىنى خارابىسى ئېلىمىزنىڭ فارفورچىلىق تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيالدۇر. مىڭ سۇلالىسىنىڭ شۇەندې يىللىرى (1426 −1435 )دا، جىڭدېجېن مەخسۇس ئوردىدا ئىشلىتىلىدىغان فارفور بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئوردا خۇمدىنىدىن58 ى، پۇقرا خۇمدىنىدىن نەچچە يۈزى بولغان، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە فارفور كەسپى داۋاملىق راۋاجلانغان ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلىرى