جېنجياڭ
جۇڭگونىڭ مەشھۇر شەھەرلەر
جېنجياڭ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان، ئەمىنىيە دەۋرىدە جۇفاڭ، گۇياڭ، چىن سۇلالىسى دەۋرىدە دەنتۇ، ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە سۇن چۇەن جىڭچېڭ شەھىرىنى سالدۇرغاندىن كېيىن جىڭكۇ دەپ ئاتالغان، شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىدىن باشلاپ جېنجياڭ دەپ ئاتىلىپ، ۋىلايەت تەسىس قىلىنغان. چاڭجياڭ دەرياسىنى بويلىغان جىڭكۇدىكى ئۈچ تاغ دەريا بويىغا قاتار تىزىلغان بولۇپ، ھەرقايسىسىنىڭ قىياپىتى ئۆزگىچە، جىنشەن تېغىنىڭ مەنزىرىسى تولىمۇ گۈزەل، جياۋشەن تېغى ھەيۋەتلىك، بېيگۇشەن تېغى بولسا ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم جاي. جىنشەن تېغىدا جىنشەن ئىبادەتخانىسى، سىشۇ مۇنارى، «ئالەمدە بىر بۇلاق» قاتارلىقلار بار. رىۋايەت قىلىنىشىچە، «ئاق پەرىنىڭ جىنشەندىكى دەريا سەيلىسى» دېگەن ئەپسانە مۇشۇ يەردە پەيدا بولغانمىش. جياۋشەن تېغىدا دىڭخۇي ئىبادەتخانىسى قاتارلىق مەشھۇر تاش ئويمىلار بار؛ بېيگۇ تېغىدا گەنلۇ ئىبادەتخانىسى ۋە سۇڭشۇ تۆمۈر مۇنارى قاتارلىقلار بار، جەنۇبىي سۇلالىنىڭ پادىشاھى لياڭ ۋۇدى «جاھاندىكى ئەڭ گۈزەل تاغ - دەريا» دەپ ئاتىغان. شەھەر ئىچىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تاش مۇنار بار، تاش مۇنارنىڭ ئەتراپىدىكى كوچىلار قەدىمكى كوچىلارنىڭ قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان، يەنە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن سېلىنغان زەمبىرەك سۇپىسى ۋە شىنخەي ئىنقىلابىي قۇربانلىرى خاتىرىلىنىدىغان بوشيەن باغچىسى، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى مەنزىرىلىك رايونىدىكى جاۋيىن ئىبادەتخانىسى قاتارلىقلار بار.