UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسسامنىرىگۇ كەيجىنىڭ «لوشۇي دەرياسى مۇئەككىلى ھەققىدىكى شېئىرغا سىزىلغان يۆگىمە رەسىم» دېگەن رەسىمى ۋە ۋۇ داۋزىنىڭ «ئوغلىنى ئەرشكە ئۇزىتىش» دېگەن رەسىمى

گۇ كەيجىنىڭ «لوشۇي دەرياسى مۇئەككىلى ھەققىدىكى شېئىرغا سىزىلغان يۆگىمە رەسىم» دېگەن رەسىمى ۋە ۋۇ داۋزىنىڭ «ئوغلىنى ئەرشكە ئۇزىتىش» دېگەن رەسىمى

جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسساملىرى «لوشۇي دەرياسى مۇئەككىلى ھەققىدىكى شېئىرغا سىزىلغان يۆگىمە رەسىم» دېگەن رەسىم ۋېي ۋە جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى مەشھۇر رەسسام گۇ كەيجى (تەخمىنەن345 -406 - يىللار)نىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. بۇ پېرسوناژلىق رەسىمدىكى سىزىقلار خۇددى «باھاردىكى پىلە قۇرتى چىقارغان مەشۇت» تەك لەرزان تارتىلغان بولۇپ، ئوتتۇرىدا سۇنمىغان. تۇيۇقسىز توم، تۇيۇقسىز ئىنچىكە بولۇپ قالمىغان. ئىللىق، ئەۋرىشىم ۋە يېقىملىق بولۇپ، كىشىنى بەھۇزۇر يېتىپ تىنچ باغلانما تەسەۋۋۇر ئىچىدە بىرخىل تەۋرىنىش ھېس قىلدۇرىدۇ. كېيىنكىلەر بۇ خىل سىزىق تەسۋىرىنى «گاۋ گۇيۇسىمياۋ» سىزىق تەسۋىرى دەپ ئاتاپ، پېرسوناژلىق رەسىم تېخنىكىلىق قائىدىسىدىكى18 خىل تەسۋىرلەشنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتكەن. ئۇ كېيىنكى دەۋرلەردىكى جۇڭگوچە رەسىمنىڭ سىزىق بىلەن شەكىل يارىتىشىدا ئىنتايىن زور تەسىر پەيدا قىلغان. «لوشۇي دەرياسى مۇئەككىلى ھەققىدىكى شېئىرغا سىزىلغان يۆگىمە رەسىم» ساۋ جىنىڭ «لوشۇي دەرياسى مۇئەككىلى ھەققىدە شېئىر» دېگەن ئەدەبىي ئەسىرىگە ئاساسەن سىزىلغان بولۇپ، ساۋ جى لوشۇي دەرياسىدىن ئۆتۈۋاتقاندا لوشۇي دەرياسى مۇئەككىلى بىلەن ئۇچرىشىپلا بىر - بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قالغانلىقى، ئادەم بىلەن پەرىزاتنىڭ يولى بىر بولمىغانلىقىدىن ئامالسىز ئايرىلىپ كەتكەنلىكىدەك كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايە تەسۋىرلەنگەن. رەسسام پېرسوناژلارنىڭ روھىي كەيپىياتى ۋە تەقى - تۇرقىنى ئىنتايىن نازۇك تەسۋىرلىگەن بولۇپ، بۇرۇنقىلار بۇنداق قىلىپ باقمىغانىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، (سىزىق بىلەن شەكىل يارىتىش) ۋاسىتىسىدە يەنە يېڭىلىق بارلىققا كەلدى. ۋۇ داۋزى (مىلادىيە7 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى8 - ئەسەرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرى) بۇ جەھەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىل. ئۇ ئوخشاشمايدىغان نەرسىلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، توم ۋە ئىنچىكىلىكى ئوخشاشمايدىغان، رەڭلەرنىڭ سۇس - قېنىقلىقى ئۆزگىرىشچان بولغان راۋان سىياھ ۋە سىزىقلارنى ئىجادىي قوللانغان. ئۇ سىزغان ئادەملەرنىڭ كىيىملىرىدىكى لېنتىلار شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغاندەك بولغاچقا، «ۋۇ داۋزى كىيىمىدىكى لېنتىلار شامالدىن دېرەك بېرىدۇ» دېيىلگەن. «ئوغلىنى ئەرشكە ئۇزىتىش» دېگەن رەسىم، گەرچە كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى بولسىمۇ، ۋۇ داۋزىنىڭ يۈكسەك قەلەم ماھارىتىنى يەنىلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ رەسىمدە بۇددا دىنىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچى ساكيامونىنىڭ تەڭرىنىڭ تەقدىرى بىلەن سۇددۇدانا (anadondduS) نىڭ ئۆيىدە تۇرغانلىقى، سۇددۇدانا ئەر - خوتۇن ئىككىلىسى بوۋاق ساكيامونىنى كۆتۈرۈپ يۇيۇندۇرۇش مۇراسىمىگە ئېلىپ ماڭغانلىقى، يول بويى يات دىنلارنىڭ جىن - شاياتۇنلىرى ئۇنىڭغا تەزىم قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈرۈۋاتقانلىقى مەزمۇن قىلىنغان. پېرسوناژلارنىڭ ئېتىنىڭ سۈپەت خۇسۇسىيىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يۈزلىرى ئىنچىكە ۋە سۇس سىزىقلار بىلەن سىزىلغان. ھالبۇكى كىيىملەرنىڭ قېلىن - نېپىزلىكى ئوخشاش بولمىغان ماتېرىيال ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، كىيىملەرنىڭ پەش، يەڭلىرىگە ئىنچىكە - توملۇقى ئۆزگىرىشچان، توختاش ۋە سۈركەشلىرى ئېنىق بولغان سىزىقلار ئىشلىتىلگەن. خۇسۇسەن بىرنەچچە تال لېنتا ۋە كىيىم پەشلىرىگە ئايلىنىش ۋە تولغىنىشى بولغان تەبىئىي، راۋان سىزىقلارنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان ھەرىكىتى ئىنتايىن جانلىق ئىپادىلەنگەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسسامنىرى