UyghurWiki›جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسسامنىرى›چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ۋاڭ فامىلىلىك تۆت مەشھۇر رەسسام
چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ۋاڭ فامىلىلىك تۆت مەشھۇر رەسسام
جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسساملىرى
چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ۋاڭ شىمىڭ، ۋاڭ جيەن، ۋاڭ يۈەنچى ۋە ۋاڭ خۇيلار «چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ۋاڭ فامىلىلىك تۆت مەشھۇر رەسسام» دەپ ئاتالدى. سۇڭ، يۈەن سۇلالىسى دەۋرلىرىدىكى مەشھۇر رەسساملارنىڭ سىزىش ئۇسۇلىنى ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم قىلىش ۋە ئۇلارغا تەقلىد قىلىش ئۇلارنىڭ سەنئەت ئىدىيىسىدىكى ئورتاق ئالاھىدىلىك ئىدى. بۇ خىل ئىدىيىنى پادىشاھ ئېتىراپ قىلغانلىقى ۋە تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار «ھەقىقىي ۋارىسلار» دەپ ھۆرمەت قىلىندى. «ۋاڭ فامىلىلىك تۆت مەشھۇر رەسسام» تاغ - دەريا رەسىمى سىزىشنى ئاساس قىلغان. رەسىم ئۇسلۇبى جەھەتتە ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئازراق پەرقىمۇ بار. ئۇستاز تۇتۇش مۇناسىۋىتىگە قاراپ «لۇدۇڭ» ۋە «يۈي شەن» دەپ ئىككى ئېقىمغا ئايرىلىدۇ. بۇلار كېيىنكى رەسساملىق ساھەسىگە300 يىلدىن ئارتۇق تەسىر كۆرسەتتى.
ۋاڭ شىمىڭ (1592 −1680 ) جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ تەيساڭ ناھىيىسىدىن. تاغ - دەريا رەسىمى جەھەتتە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى رەسسام خۇاڭ گۇڭۋاڭنىڭ رەسىملىرىنى باش قاتۇرۇپ كۆچۈرۈپ سىزىپ، ئۆز ئەينىدەك دەرىجىگە يەتكەن. «يازلىق تاغدىكى شارقىراتما» دېگەن رەسىم ۋاڭ شىمىڭنىڭ78 ياشقا كىرگەن چاغدىكى نەپىس ئەسىرى. بۇنىڭغا پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك كومپوزىتسىيە ئىشلەتكەن، قاتمۇ قات تاغ چوققىلىرى، ئېگىزدىن شارقىراپ چۈشۈۋاتقان شارقىراتما، قويۇق سايە تاشلىغان دەرەخلىقتىكى ئەگىم - ئەگىم چىغىر يول. ئوتتۇرىلىقتا كۆزگە ۋاللىدە چېلىقىدىغان پاخالدىن يېپىلغان راۋاق بولۇپ، رەسىمدىكى ئېنىقلىق بىلەن تۇتۇقلۇق ئوتتۇرىسىدا بۇلۇت ۋە تۇمانلار لەيلەپ يۈرگەن. بۇ رەسىمدە بۈك - باراقسان، ياپيېشىل ياز مەنزىرىسى ئىپادىلەنگەن.
ۋاڭ جيەن (1598 −1677 ) جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ تەيساڭ ناھىيىسىدىن. كىچىكىدىن باشلاپلا مەشھۇر رەسساملارنىڭ رەسىملىرىنى باش قاتۇرۇپ كۆچۈرۈپ ئۆگەنگەن. چوڭقۇر ۋە پۇختا ماھارەت ھازىرلىغان. «خۇاڭ گۇڭۋاڭغا تەقلىد قىلىپ سىزىلغان تاغ - دەريا رەسىمى» ئۇنىڭ ئۆزىگە يارىغان ئەسىرى. رەسىمگە پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك كومپوزىتسىيە قوللىنىلغان. تاغ چوققىلىرى، تاغ باغرىدىكى ئورمانلار، كەنت، ئېرىق، گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ كۆرۈنمەي كەتكەن كۆۋرۈكلەر سىزىلغان بولۇپ، ئورمان بىلەن كەنت ئۆيلىرى يېقىن مەنزىرە قىلىنغان. سىزىش ئۇسۇلى خۇاڭ گۇڭۋاڭغا بەكمۇ ئوخشايدۇ. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاتالمىش ھەقىقىي ۋارىسلار رەسىم سىستېمىسىدا ئۇنىڭ بىلەن ۋاڭ شىمىڭ «ئەجدادلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچقان تۆھپىكارلار» دەپ ئاتىلىپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى رەسساملىققا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەن.
ۋاڭ يۈەنچى (1642 −1715 ) ۋاڭ شىمىڭنىڭ نەۋرىسى. كىچىكىدىن باشلاپلا، سۇڭ، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەشھۇر رەسساملارنىڭ رەسىملىرىنى كۆچۈرۈپ سىزىشنى ئۆگەنگەن. بىر ئۆمۈر قەدىمكىلەرنىڭ ئايىغىغا باش قويغان بولۇپ، شۇ چاغدىكى جامائەت ئېتىراپ قىلغان كۆچۈرۈپ سىزىش ماھىرى ئىدى. «تۇمان قاپلىغان يىراقتىكى ئۆڭكۈر» ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. چوققىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، تاغ، تاش، دەل - دەرەخلەرنىڭ سىزىلىشى خۇاڭ گۇڭۋاڭ سىزغاندەكلا ئىدى. مەزمۇنسىز ۋە جانسىز بولسىمۇ، قەلەم ۋە سىياھلىرى كامالەتكە يەتكەن بولۇپ، بىرخىل مەردانە گۈزەللىككە ئىگە ئىدى.
ۋاڭ خۇي (1632 −1717 ) چاڭشۇ ناھىيىسىدىن. بىر ئۆمۈر باياشات تۇرمۇشتا ياشىغان. پادىشاھ كاڭشىنىڭ ئىلتىپاتىغا سازاۋەر بولغان. پايتەختكە كېلىپ، ئوردىغا «جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرۈش» دېگەن رەسىمنى سىزىپ بېرىپ «پەخىرلىك تاغ - دەريا رەسسامى» دېگەن ئىنئامغا ئېرىشكەن ۋە «پەخىرلىك پېشقەدەم» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ باشقا ۋاڭ فامىلىلىك ئۈچ رەسسامغا ئوخشىمايدىغان يېرى، قەدىمكىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭمۇ ئۇسلۇبى بار ئىدى. «ئورمانلىقتىكى پادا» دېگەن رەسىمنىڭ سىزىلىشى ئەستايىدىل بولۇپ، قىلچە بىپەرۋالىق قىلىنمىغان. شەكىل يارىتىلىشى گۈزەل ۋە تەبىئىي، رەسىمدىكى دەرەخلەر بىلەن تاشلار كىرىشتۈرۈلۈپ سىزىلغان ۋە ئۆزگىرىشچان بولۇپ، زىچ - شالاڭلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق بولغان. رەسىمدە كۆلگە چۈشكەن تاغ شولىسى، يەر ئاغدۇرۇۋاتقان كالا، بېلىقچىلار قولۋىقى، دېھقان ئۆيلىرى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە ئىدى.