UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسسامنىرىشۈي بېيخۇڭ ۋە ئۇنىڭ «چاپار ئات» رەسىمى

شۈي بېيخۇڭ ۋە ئۇنىڭ «چاپار ئات» رەسىمى

جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسساملىرى شۈي بېيخۇڭ (1895 −1953 )نىڭ ئارغىماق سىزىش بىلەن دۇنياغا داڭقى چىققان. ئۇ سىزغان «چاپار ئات» نىڭ تۇۋىقى يەرگە تەگمىگەن. يايلىسى ۋە قۇيرۇقى تىك كۆتۈرۈلۈپ ئۇچقاندەك چاپماقتا ئىدى. قەلىمى مەردانە، سىياھى قېنىق بولۇپ، جۇڭگوچە رەسىمنىڭ كۆڭلەن سىزما سىزىقلىرى بىلەن غەربنىڭ يورۇق - قاراڭغۇ تېخنىكىلىق ئۇسۇلى ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ھەم جۇڭگوچە رەسىمنىڭ ئۇستىخىنىغا قاراپ قەلەم ئىشلىتىش ئۇسۇلى ھەم كۈچلۈك ستېرېئولۇق ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان. رەسىمدىكى سىياھلار تېمىپ تۇرغاندەك بولۇپ، قەلەم ئىشلىتىشى مەردانە بولغان. ھەيۋەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك بولۇپ، جۇڭگوچە رەسىم ساھەسىدە ئۆز ئالدىغا بايراق تىكلىگەن. رەسىم سىزىش قەلىمى بىلەن ھېسسىياتىنى ئىزھار قىلغان، شۈي بېيخۇڭ ئۆزىنىڭ تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىقىنى ئات بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دېموكراتىيە ۋە خەلق ئىنقىلابىغا بولغان تەشنالىقىنى بىلدۈرگەن. «چاپار ئات» رەسىمىنىڭ تۆۋەن ئوڭ تەرەپ بۇرجىكىگە «ئىككىنچى قېتىملىق چاڭشا بىرلەشمە جېڭىدىن قاتتىق قايغۇرىمەن» دەپ بېغىشلىما يېزىپ، شىمالىي مىلىتارىستلارغا بولغان نەپرىتىنى ۋە غەلىبىگە بولغان «تەشنالىقىنى» بىلدۈرگەن. يەنە بىر پارچە «يىلقا» دېگەن رەسىمىگە «شىمالىي خۇبېيدىكى غەلىبىدىن ئىپتىخارلىنىمەن» دېگەن بېغىشلىما يېزىپ، خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىگە بولغان خۇشاللىقىنى ئات ئارقىلىق بايان قىلغان. ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ۋاقتىدا شۈي بېيخۇڭ بىر پارچە چاپار ئات رەسىمىنى پىدائىي قىسىم جەڭچىلىرىگە تەقدىم قىلىپ، جەڭچىلەرنى توسالغۇسىز چاپار ئاتقا ئوخشاتقان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسسامنىرى