UyghurWiki›جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسسامنىرى›باداشيەنرېن ۋە ئۇنىڭ «نېلۇپەر ۋە سۇ قۇشى» دېگەن رەسىمى
باداشيەنرېن ۋە ئۇنىڭ «نېلۇپەر ۋە سۇ قۇشى» دېگەن رەسىمى
جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسساملىرى
چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە رەسىم ساھەسىدە، يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزگىچە يول ئېچىشقا جۈرئەت قىلغان كاتتا رەسسام باداشيەنرېن بارلىققا كەلدى. ئۇ دائىم دېگۈدەك ئىخچام سىزىق ۋە سىياھتا سۆرۈن شۇنداقلا كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدىغان ئوبرازلارنى ئىپادىلەيدۇ. تاغ - دەريا رەسىملىرىدىمۇ چۆلسىرەپ قالغان كۆڭلەن مەنزىرىلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. رەسىم يۈزى ئىخچام، سىزىق - سىياھلىرى نەمخۇش بولۇپ، ئىنتايىن روھلۇق.
باداشيەنرېن (1626 − تەخمىنەن1705 ) ئەسلىي ئىسمى جۇدا بولۇپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ خان بوۋىسى جۇ يۇەنجاڭنىڭ جەمەتىدىن ئىدى. ئۇ19 ياشقا كىرگەندە مىڭ سۇلالىسى ھالاك بولغانىدى. ئۇ چىڭ پادىشاھلىقىغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى قەلبىدە ساقلاپ23 ياشقا كىرگەندە كوكۇلىسىنى چۈشۈرۈپ راھىب بولۇپ، نەزم ئوقۇپ، رەسىم سىزىپ كۆڭلىدىكى نەپرىتىنى ئىزھار قىلىشقا باشلىغان. ئۇ سىزغان رەسىملىرىگە «باداشيەنرېن» دېگەن تۆت خەتنى ساۋ شۇ خەت نۇسخىسىدا ئۇلاپ تىك يېزىپ بېغىشلىما يازاتتى. بىر قارىغاندا »يىغا« دېگەن خەتكە، يەنە بىر قارىغاندا «كۈلكە» دېگەن خەتكىمۇ ئوخشاپ كېتەتتى. شۇ ئارقىلىق ۋۇجۇدىدىكى ئازابنى ۋە رېئاللىققا بولغان نېمە قىلارىنى بىلمەي ھاڭۋېقىپ قالغان مەسخىرە قىلىش نىيىتىنى ئىپادىلەيتتى.
باداشيەنرېن ھەممە نەرسىلەرنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ مۇبالىغە قىلىپ سىزاتتى. بېلىق ۋە قۇشلارنىڭ كۆزىنى ئاق ياكى چاسا سىزاتتى. ھەرىكەتلىرىنى ئاجايىپ غەلىتە سىزاتتى. قۇشلار بوينىنى قىسىۋالغان، سىڭار پۇتتا ئۆرە تۇرغان بولۇپ، ئۈركۈپ كەتسىلا ئۇچۇپ كېتىدىغاندەك ئىدى. بېلىقلارنىڭ قورسىقى كۆپكەن، تۈز سوزۇلغان، ئۈزگۈچ قاناتلىرى كېرىلگەن، ئاغزى ئېچىلغان ھالەتتە بولۇپ، ھازىرلا شۇڭغۇپ كېتىدىغاندەكلا ئىدى. قارىغاي، تاشلارنىمۇ ئىنتايىن مۇقىمسىز خەتەرلىك ھالەتتە سىزاتتى. بەزىدە بىر پارچە رەسىمگە بىر تال بېلىق، بىر دانە مېكىيان، بىرنەچچە تال توزۇغان جۇخار گۈلى سىزاتتى. قالغان بىر مۇنچە يەرنى ئاق قالدۇرۇپ، ئاساسىي گەۋدىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، رەسىمنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرەتتى. »نېلۇپەر ۋە سۇ قۇشى« دېگەن رەسىم بادا شيەنرېننىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى. رەسىمنىڭ يۇقىرى ئوڭ تەرىپىدە ئەمدىلا ئۆسۈۋاتقان بىر تال نېلۇپەر يوپۇرمىقى پەسكە ساڭگىلاپ تۇرغان. تېخى ئېچىلمىغان بىر تاللا نېلۇپەر غۇنچىسى قەيسەرلىك بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، بۇ ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەمسىل قىلغىنى بولسا كېرەك. رەسىمنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدىكى نېلۇپەر كۆلىدە بىر دانە خەتەرلىك تاش بولۇپ، بوينىنى قىسىپ، مۈرىسىنى ئېگىپ تۇرغان بىر دانە قۇش سىڭار پۇتىدا ئۆرە تۇرغان. بۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەھشەتلىك ھۆكۈمرانلىقىغا تەمسىل قىلىنغان. رەسىم يۈزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى غەلىتە، ئوبرازلىرى يىغىنچاق بولۇپ تەپەككۇرى چوڭقۇر.
