مېي فۇ ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ تاغ - دەريا رەسىمى
جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسساملىرى
سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى رەسسام مېي فۇ (1051 −1170 ) سۇلۇق سىياھ كۆڭلەن سىزما ئۇسۇلىنى تاغ - دەريا رەسىمىنى سىزىشقا ئىشلىتىپ، ئورتودوكسال ئېقىمىدىكى سىزىش ئۇسۇلىغا ئوخشاشمايدىغان تېخنىكىلىق قائىدىنى يارىتىپ، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى يامغۇرلۇق تۇمان قاپلىغان، بۇلۇتلار لەيلەپ يۈرگەن تەبىئەت مەنزىرىسىنى ئىپادىلەپ، جۇڭگو تاغ - دەريا رەسىمىنىڭ ئىپادىلەش ماھارىتىنى بېيىتتى.
مېي فۇنىڭ ھەقىقىي يالدامىسى يىتۈپ كەتكەن. «چۈنشەن تېغىدىكى قۇتلۇق قارىغاي» دېگەن رەسىم گەرچە سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كىشىلەر تەقلىد قىلىپ سىزغان رەسىم دەپ گۇمان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق سىزىش ئۇسۇلى مېي فۇنىڭ تېخنىكىلىق قائىدىسى بىلەن بىردەك بولۇپ، بۇنىڭدىن «مېي فۇگە خاس بۇلۇتلۇق تاغ»نىڭ ئاجايىپ ماھارىتىدىن زوقلانغىلى بولىدۇ. رەسىمنىڭ ئېگىزلىكى35 سانتىمېتىر، كەڭلىكى1 .44 سانتىمېتىر بولۇپ، رەسىمدە بۇلۇتلار لەيلەپ، تۇمانلار قاپلاپ تۇرغان تاغلىق ئورمان مەنزىرىسى ئىپادىلەنگەن. يىراقتىكى تاغ تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، تاغ ئېتىكىنى تۇمان قاپلاپ بۇلۇتلار ئەگىپ يۈرىدۇ، تاغ چوققىسىلا كۆرۈنىدۇ. تاغ باغرى كۆرۈنمەيدۇ. يېقىن يەردىكى تاغ بېشىدا بىرنەچچە تۈپ قارىغاي تاغ باغرىلاپ ئۆسكەن. دەرەخ ئاستىدىكى ئادەمسىز پاخال راۋاقنىمۇ تومان قاپلاپ تۇرغاچقا بەزى يەرلىرى غۇۋا، بەزى يەرلىرى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. يېقىن ۋە يىراقتىكى تاغلارنى سىزىشتا ئورتودوكسال ئېقىمىدىكىلەرنىڭ تاغ - دەريا رەسىمىنى سىزىشتا قوللىنىدىغان سىزىق سىزىش، رېتوشلاش، چېكىت چېكىش، بوياش ئۇسۇلىنى قوللانمىغان. بەلكى قېنىق - سۇسلۇقى ئوخشاشمايدىغان سىياھنى موي قەلەمنىڭ يان بىسى بىلەن كۆندىلەڭ چېكىش، چوڭ - كىچىك چېكىتلەرنى كىرىشتۈرۈپ دەستىلەش ئۇسۇلىنى قوللانغان. مانا بۇ، مېي فۇ ئۆز ئالدىغا ياراتقان «لوجياديەن» سىزىش ئۇسۇلى بولۇپ، «مېيديەن» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تاغ تاشلىرىنىڭ شەكلىنى يارىتىشتا بىر تالمۇ ئىزنا سىزىقى ئىشلەتمەي، پۈتۈنلەي «مېيديەن» (مېي فۇچە چېكىت) چېكىتلىرىنى دەستىلەپ سىزىش ئارقىلىق پۈتكۈزگەن. ئاندىن سۇس سىياھتا رەڭ بېرىپ تاغ ئېتىكىدىكى بۇلۇت ۋە تۇمانلارنى گەۋدىلەندۈرگەن. تاغلار ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقلارغا سۇس سىياھتا رەڭ بېرىپ، بۇلۇت ۋە تۇمانلارنىڭ ئورنىنى ئاق قالدۇرۇپ، تاغ شەكلىنى ئېنىق كۆرسەتكەن ۋە تاغلار ئارىسىدىكى قاتلاملىق تۇيغۇسى كۈچەيتىلگەن. يېقىندىكى مەنزىرىنى سىزىشتا، ئالدى ۋە كەينى تەرەپتىكى تاشلارنىڭ شەكلىنى «مېيديەن» چېكىتلىرىنى دەستىلەپ سىزىش، ئاندىن سۇس سىياھتا رەڭ بېرىش ئارقىلىق تاغلارنىڭ شەكىللىرىدە ئۆزگىرىش ھەم ستېرېئولۇق تۇيغۇ ھاسىل قىلىپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئۆزگىرىشچان گۈزەللىكنى ئىپادىلەپ بەرگەن.
مېي فۇنىڭ ئوغلى مېي يۇرېن (1086 −1165 ) دادىسىنىڭ ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرغان. «شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئاجايىپ كۆرۈنۈشى» دېگەن رەسىم مېي يۇرېننىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. مېي فۇنىڭ ھەقىقىي ئەسەرلىرىنى كۆرۈشكە مۇمكىن بولمىغان بۈگۈنكى كۈندە، مېي يۇرېننىڭ ئەسەرلىرى بىزنىڭ «مېي فۇغا خاس بۇلۇتلۇق تاغ» نىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى چۈشىنىۋېلىشىمىزغا مۇمكىنچىلىك يارىتىپ بېرىدۇ. پۈتۈن رەسىم گويا قىينالمايلا چېكىپ بويىغاندەك سىزىلغان بولۇپ، سۇ بىلەن سىياھ تەبىئىي سىڭىشىپ ئاجايىپ قىزىقارلىق كەيپىيات ھاسىل قىلغان. مېي فۇ بۇ خىل سىزىش ئۇسۇلىنى «سىياھتىكى قىزىقارلىق ئۇسۇل» دەپ ئاتىغان. ئۇ، مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى «كىشىلىك پەزىلەت» نى ئىپادىلەيدىغان، «روھ ۋە خاراكتېر» نى بايان قىلىدىغان قورال قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زامان ئەدىبلەر رەسىمىنىڭ ئۇسلۇبىنى ياراتقان.