UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسسامنىرىجاڭ زېدۇەن ۋە ئۇنىڭ «چوكانتال بايرىمىدىكى دەريا سەيلىسى» دېگەن رەسىمى

جاڭ زېدۇەن ۋە ئۇنىڭ «چوكانتال بايرىمىدىكى دەريا سەيلىسى» دېگەن رەسىمى

جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسساملىرى جاڭ زېدۇەن (مىلادىيە12 - ئەسىر) شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جوچېڭ شەھىرىدىن. شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە رەسساملار مەھكىمىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇنىڭ «چوكانتال بايرىمىدىكى دەريا سەيلىسى» دېگەن داڭلىق ئەسىرىدە شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرىدىن بولغان بيەنلياڭ (ھازىرقى كەيفېڭ) شەھىرىنىڭ شەھەر تۇرمۇشى ۋە بايرام كۆرۈنۈشى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، رېئالستىك ئۇسلۇبتا جانلىق سىزىلغان ئۇزۇن يۆگىمىلىك ئۆرپ - ئادەت رەسىمى. «چوكانتال بايرىمىدىكى دەريا سەيلىسى» دېگەن رەسىمدە ئىلگىرىكى پېرسوناژلىق رەسىملەردە پەقەت ئاقسۆڭەكلەر تۇرمۇشى ۋە دىنىي مەزمۇننىلا ئىپادىلەيدىغان كونا قائىدە چۆرۈپ تاشلىنىپ، يېڭى گۈللەنگەن شەھەر پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشى، ئۆرپ - ئادەتلىرى، كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىلىق تەسۋىرلىنىپ، ئەينى چاغدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ھالىتى كەڭ ۋە تەپسىلىي نامايان قىلىنغان. پۈتۈن رەسىمدە500 دىن ئارتۇق ئادەم، ھەر خىل قۇرۇلۇش ۋە قاتناش قوراللىرى سىزىلغان بولۇپ، كېيىنكىلەرگە نۇرغۇن قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال قالدۇرغان. رەسىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى7 .528 سانتىمېتىر، كەڭلىكى8 .24 سانتىمېتىر بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زامانلاردىكى رېئالستىك رەسساملىقىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ۋەكىلى. يۆگىمە رەسىمنىڭ ئوڭ تەرەپ بېشىدا ئېتىزلىق ۋە يېزا - كەنتلەر بولۇپ، بازارغا ماڭغان يېزىلىقلار مال يۈكلەنگەن قېچىر - ئاتلىرىنى ھەيدەپ ئېتىزلىقلار ئارىسىدىكى چىغىر يوللارنى بويلاپ شەھەرگە قاراپ ماڭماقتا. ئەمەلدار، ئاقسۆڭەكلەر خىزمەتكارلارنىڭ ھىمايىسىدە شەھەر سىرتىدا سەيلە قىلماقتا. تەختىراۋاندىكى ياۋا گۈل ۋە يول بويىدىكى بىخ ئۇرغان سۆگەتلەر چوكانتال بايرىمىدىن دېرەك بەرمەكتە. رەسىم ئوڭدىن سولغا شەھەرگە قاراپ راۋاجلانغان. ئەتراپتىكى سەھرا مەنزىرىسىنىڭ ئورنىنى بارا - بارا ئۆي - ئىمارەت ۋە دۇكانلار ئىگىلىگەن. دەريا بۇرۇلۇش ياساپ رەسىم يۈزىگە ئېقىپ كىرىپ، رەسىمنىڭ مەركىزىي گەۋدىسىگە ئايلانغان. دەريا قىرغىقىدىكى كېمىلەرگە مال قاچىلىنىۋاتقان ۋە چۈشۈرۈلۈۋاتقان، يولۇچىلار چىقىپ - چۈشۈۋاتقان، قىرغاقتىكى ئاشپۇزۇل ۋە قوناقخانىلار ئالدىراش ھالەتكە كەلگەن. ئەگمە كۆۋرۈك ئاستىدا بىر كېمە كۆۋرۈك ئاستىدىن ئۆتۈشكە تەمشىلىۋاتقان بولۇپ، كېمە ماچتىسى بەكمۇ ئېغىر بولغاچقا ئۇنى تېخى تەكشى ياتقۇزالماي كېمىچىلەر بەكمۇ جىددىيلىشىۋاتقان ئىدى. كېمىنىڭ سوقۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بەزىلەر خادىنى كۈچەپ باشقۇرسا، بەزىلەر تاياقلىرىنى كۆۋرۈككە تىرەپ تۇرۇشاتتى. بەزىلەر كېمىنى توسۇۋېلىش ئۈچۈن كۆۋرۈك ئۈستىدىن ئارغامچا تاشلىماقتا ئىدى. قوشنا كېمىدىكىلەر بىلەن كۆۋرۈكتىكىلەر ئۇنى - بۇنى دەپ ئەقىل كۆرسىتىشمەكتە، گويا ۋاراڭ - چۇرۇڭلار ئاڭلىنىپ تۇرغاندەك ئىدى. كۆۋرۈكنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇشلار ۋە رەڭگارەڭ راۋاقلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا ئىدى. دەريا ئېقىنىغا ئەگىشىپ رەسىم يۈزى سودا رايونىغا قاراپ بۇرۇلىدۇ. مۇستەھكەم، قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ، ھەيۋەتلىك، زور شەھەر قوۋۇقى رەسىم ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولىدۇ. يېقىن ئەتراپتىكى كېسىشىپ تۇرغان كوچىلاردا دۇكانلار زىچ ئورۇنلاشقان، ئات - ھارۋا ۋە پىيادىلەر ئالدىراش - تېنەش مېڭىشماقتا. شەھەرنى مۇداپىئە قىلىدىغان خەندەكنىڭ ئۈستىدىكى كەڭ كۆۋرۈكتە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مەنزىرىنى تاماشا قىلىشىپ تۇرۇشقان. لىق مال يۈكلەنگەن تۆگە كارۋىنى شەھەر سىرتىغا قاراپ يول ئالغان. تۆت كوچا ئاغزىدىكى دۇكانلار چوڭ ۋە ئېسىل ياسالغان بولۇپ، «ۋاڭ بېگىمنىڭ توقال ئۆيى»، «جاۋ خېنىمنىڭ ياردەمچى ئامبىلىنىڭ ئۆيى» دېگەن چوڭ خەتلىك تاختىلار ئېسىلغان ھەشەمەتلىك قورۇلارمۇ بار ئىدى. جەڭنامە ئوقۇۋاتقان مەدداھلار بىلەن مال سېتىۋاتقان يايمىلارغا كىشلەر ئولىشىۋالغانىدى. تۆت كوچىنىڭ ئۇدۇلىدىن ئىككى ئات ھارۋىسى كىشى قورققۇدەك ئەلپازدا چېپىپ كەلمەكتە ئىدى. كوچىدا كالا ھارۋىسى، قول ھارۋىسى، تەختىراۋان، ئات - قېچىر قاتارلىق قاتناش قوراللىرى تۇرماقتا ئىدى. چوڭ يول ۋە ياندىكى كوچىلاردا ئاتلىق، پىيادە ئەمەلدار ۋە مۆتىۋەرلەر يۈرۈشمەكتە ئىدى. ئادەم ۋە ھارۋىلار ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆتۈۋاتقان ئالدىراش كۆرۈنۈشلەرنى كىشى كۆرۈپ ئۈلگۈرەلمەيتتى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسسامنىرى