خۇاڭ بىڭخۇڭ ۋە ئۇنىڭ «كۈزدىكى ئورمان» دېگەن رەسىمى
جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسساملىرى
خۇاڭ بىڭخۇڭ (1865 −1955 ) جۇڭگو گۈزەل سەنئەت تارىخىدا مۇۋەپپەقىيىتى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇستاز، ئۇ سىزغان تاغ - دەريا رەسىملىرى ھەيۋەتلىك، روھلۇق، مەزمۇت، سەلتەنەتلىك كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭ قەلىمى كۈچلۈك ۋە ئېغىر بولۇپ، زەرب بىلەن سىزىدۇ. قەلەم ئىشلىتىشى ئۆزگىرىشچان، ئۇ سىزغان تاغلار پارقىراق قاپقارا ۋە ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى تاغ - دەريا رەسىملىرىگە تامامەن ئوخشاشمايدۇ.
«كۈزدىكى ئورمان» دېگەن تىك ئوقلۇق رەسىمنىڭ ئىجادىي تەپەككۇرى قالتىس بولغان. يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر - بىرىنى توسۇپ گىرەلىشىپ كەتكەن تاغ ۋە ياپيېشىل ئورمانلىقلارنى بۇلۇت - تۇمان قاپلىغان. يېقىن كۆرۈنۈشتىكى تاغ باغرىلاپ كەتكەن ئەگرى - بۈگرى چىغىر يول يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلىگەن. قېرى قارىغاي يېنىدىكى ئۆيلەر ئېگىز - پەس ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ھويلا ئارقىسىدىكى تۆت چاسا راۋاقتا بىر ئادەم ئولتۇرغان. سول تەرەپتىكى كۆلدە ئىككى دانە يەلكەنلىك كېمە شامالنىڭ يۆنىلىشىنى بويلاپ يامغۇرلۇق تاغ ئارىسىدا تېز كېتىۋاتقان. رەسىمدىكى كەيپىيات جانلىق، سىزىقلار تەكشى، يومىلاق ۋە ئېغىر بولۇشتەك ئۆزگىرىشچانلىققا ئىگە. رەسىم يۈزىدىكى ئوچۇقلۇق بىلەن تۇتۇقلۇق ئارىلىشىپ كەلگەن. زىچ يەرلەر قەۋەتمۇ قەۋەت چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان. ئاق قالدۇرۇلغان يەرگە بىر تال چېكىتمۇ چېكىلمەي ئاساسىي گەۋدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. رەسىمنىڭ باش - ئايىغى ئېنىق.