UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسسامنىرىجىڭ خاۋنىڭ «لۇشەن تېغى» ۋە دۇڭ يۈەننىڭ «يامغۇرلۇق شياڭجياڭ دەرياسى» دېگەن رەسىملىرى

جىڭ خاۋنىڭ «لۇشەن تېغى» ۋە دۇڭ يۈەننىڭ «يامغۇرلۇق شياڭجياڭ دەرياسى» دېگەن رەسىملىرى

جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسساملىرى بەش دەۋردىكى جىڭ خاۋ (مىلادىيە10 - ئەسىر) شىمالنىڭ تاغ - دەريا رەسساملىقىنىڭ تېخنىكىلىق ئۇسۇلىنى تەرەققىي قىلدۇردى. «لۇشەن تېغى» ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. بۇ ئېگىزلىكى205 سانتىمېتىر، كەڭلىكى125 سانتىمېتىر كېلىدىغان تىك يۆگىمە رەسىمدە پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك كومپوزىتسىيە قوللىنىلغان. يىراقتا تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئېگىز ئاساسىي چوققا ئۇلۇغۋار ۋە گۈزەل بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر - بىرىنى توسۇپ تۇرغان قاتمۇ قات چوققىلارنىڭ زىچ - شالاڭلىقلىقى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. تاغ ئارىسىدىكى شارقىراتما، راۋاق، يول، كۆۋرۈكلەر تۇمان ئارىسىدا غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. تاغ باغرىدا يوغان كۆل بولۇپ، سۇ ياقىسىدىكى ئۆي ۋە دەل - دەرەخلەر شولىسى سۇدا جىمىرلاپ ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. پۈتۈن رەسىم سۇلۇق سىياھتا سىزىلغان بولۇپ، رەڭ ئىشلىتىلمىگەن. رېتوشلاش، سۈركەش، چېكىش ۋە بوياش ئارقىلىق تاغ گەۋدىسىنىڭ يىرىك، قاتتىق بولۇشتەك سۈپەت تۇيغۇسى ۋە ستېرېئولۇقلۇقى تەسۋىرلىنىپ، تاغ - دەريا رەسساملىقىنىڭ تېخنىكىلىق ئۇسۇلى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن. جىڭ خاۋ بىلەن زامانداش بولغان دۇڭ يۈەن جەنۇبنىڭ تاغ - دەريا رەسساملىقىنىڭ ۋەكىلى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسى تىپىك چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى مەنزىرىلەر بولۇپ، ئۇلاردا كەڭ ۋە تىنچ ئېقىۋاتقان دەريا سۇلىرى، بىپايان تۈزلەڭلەردىكى بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن تۆپىلىك ۋە تاغلار، ئوت - چۆپ، دەل - دەرەخ ۋە يېكەنلىكلەر تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇنىڭ كومپوزىتسىيە ئۇسۇلى، قەلەم - سىياھ تېخنىكىلىق ئۇسۇللىرى «شىمال ئېقىمى» بىلەن پەرقلىنىدۇ. «يامغۇرلۇق شياڭجياڭ دەرياسى» دۇڭ يۈەننىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇپ، رەسىمنىڭ ئېگىزلىكى50 سانتىمېتىر، كەڭلىكى4 .141 سانتىمېتىر. كەڭ كەتكەن دەريا سۈيى رەسىمنىڭ ئالدى قىسمىدا بولۇپ، دەريانىڭ قارشى قىرغىقىدا گىرەلىشىپ كەتكەن خىلۋەت دەريا شاخابچىسى ۋە يىراقتىكى تاغ باغرىغا قاراپ سوزۇلغان ئورمان تەسۋىرلەنگەن. رەسىم تەكشى ۋە خىلۋەت بولۇپ، ئاجايىپ چوققا، تىك يارلار يوق. پۈتۈن رەسىمدە يىراقتىكى تاغلارغا سۇس سىياھتا سۈركەپ رەڭ بېرىلگەن بولۇپ، «پىماسۇن» رېتوشلاش ئۇسۇلى بويىچە، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى زېمىن ۋە تاغلار ئىپادىلەنگەن. يىراقتىكى دەرەخلەر قېنىق ۋە سۇس سىياھلاردا چېكىپ سىزىلىپ، ھاۋانىڭ نەمخۇشلۇقى ۋە بۇلۇت - تۇمان قاپلىغان كۆرۈنۈش ئىپادىلەنگەن. ئادەملەر كىچىك بولسىمۇ نەپىس، ئىنچىكە سىزىلغانلىقتىن پۈتۈن رەسىمگە «تىرىكلىك» كەيپىياتى قوشقان شۇنداقلا رەسىمدە «ماسشتابلىق سىزغۇچ» رولىنى ئويناپ، مەنزىرىنىڭ بىپايان چوڭقۇرلۇقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسسامنىرى