چى بەيشى ۋە ئۇنىڭ «راك» دېگەن رەسىمى
جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسساملىرى
چى بەيشى (1863 −1957 ) سىزغان راك ھەممە كىشى بىلىدىغان ئېسىل بەدىئىي ئەسەر. ئۇ پادىچى ۋە ياغاچچىلىقتىن كېلىپ چىققان كاتتا رەسسام بولۇپ، بىر ئۆمۈر ئاددىي - ساددا ياشىغان. يېزىدىكى ھاياتىنى ئۇنتۇپ قالمىغان. بېلىق، راك، چۈجە، پاقا، يېسسىۋىلەك، تارو دېگەندەك بالىلىق چاغلىرىدىكى «دوست» لىرىغا چوڭقۇر ھېسسىيات باغلىغان. بۇلار كېيىنچە ئۇ سىزغان رەسىملەرنىڭ تېمىسى بولۇپ، رەسىمدە ئۇلار تىرىلىپلا كەتكەن. خۇسۇسەن راك سىزىشتا ئۇ كامالىغا يەتكەن.
«راك» دېگەن رەسىمدە3 دانە چوڭ راك سىزىلغان. يىغىلىشىمۇ - تارقىلىشىمۇ بولغان. تۇرقى - ھالىتى ھەر خىل بولۇپ، بەكمۇ ئەينەن سىزىلغان. باشنىڭ ئالدى قىسمىنى3 قەلەمدىلا پۈتكۈزگەن. بەل قىسمىنىڭ ئۈگىلىرىنى بىر قەلەمدە بىر بوغۇمدىن سىزىپ، توم بوغۇملارنى ئىنچىكە بوغۇملارغىچە بولغان بەل ئۈگىلىرىنىڭ رىتىملىق ھەرىكىتىنى بىرنەچچە قەلەمدىلا ئۇلاپ سىزىپ پۈتكۈزگەن. قۇيرۇق قىسمىمۇ3 قەلەمدىلا پۈتكەن. راكنىڭ شەكىل ھالىتى، سۈپەت تۇيغۇسى ۋە ھەرىكەت ھالىتىنى بىرنەچچە قەلەم تەگكۈزۈپلا پۈتكۈزۈپ چىققان، راكلارنىڭ رەڭ پەرقىنى ئەينەن، جانلىق ئىپادىلىگەن. قېنىق سىياھتا چېكىپ سىزىلغان راكنىڭ كۆزلىرى خۇددى مىدىرلاۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. راكنىڭ بۇرۇتلىرى ھەم ئەۋرىشىم، ھەم كۈچلۈك بولۇپ، تېخىمۇ جان كىرگۈزۈۋەتكەن. رەسىمنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە (فون) بىر تالمۇ قەلەم تەگكۈزمىگەن.3 دانە راك بەئەينى سۈزۈك سۇدا ئۈزۈپ ئويناۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ، كىشىگە راكلار ھېلىلا رەسىم قەغىزىدىن سەكرەپ چىقىپ، باشقا كۆلچەككە بېرىپ ئۈزۈپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.