خۇاڭ چۈەننىڭ «ئەتىۋارلىق قۇشلار» دېگەن ناتۇرا رەسىمى
جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسساملىرى
جۇڭگوچە رەسىمدىكى گۈل - قۇش رەسىمى − پېرسوناژلىق رەسىم ۋە تاغ - دەريا رەسىملىرىدىن كېيىن، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى ۋە بەش دەۋرگە كەلگەندىلا مۇستەقىل رەسىم تۈرى بولۇپ شەكىللەندى. بەش دەۋردىن سۇڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىگە (903 −968 ياكى903 −965 - يىللاردا) كەلگەندە خۇاڭ چۈەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازاندى ۋە تەسىرىمۇ ئەڭ زور بولدى. «ئەتىۋارلىق قۇشلار» دېگەن ناتۇرا رەسىم خۇاڭ چۈەننىڭ بىردىنبىر يالدامىسى بولۇپ، بۇنىڭدىن خۇاڭ چۈەننىڭ كامالەتكە يەتكەن ماھارىتى ۋە ئەستايىدىل، دۆلەتمەن ئۇسلۇبىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
بۇ رەسىم خۇاڭ چۈەن ئوغلىنىڭ كۆچۈرۈپ مەشىق قىلىشى ئۈچۈن سىزىپ بەرگەن ئۈلگە رەسىم بولۇپ، مۇۋاپىق بوشلۇقلارغا24 دانە ھايۋانات ئورۇنلاشتۇرۇلغان. گەرچە بۇ رەسىم دەسلەپكى ئورىگىنال نۇسخىسى بولسىمۇ ئىنتايىن جانلىق ۋە تەسىرلىك سىزىلغان. تاشپاقا قېپىنىڭ قاتتىقلىقى، تومۇزغا قانىتىنىڭ سۈزۈكلۈكى، قۇش پەيلىرىنىڭ رەتلىكلىكى، قۇشقاچنىڭ ئۇچۇش ئالدىكى روھىي ھالىتى قاتارلىقلار تەپسىلىي ۋە ئەينەن ئىپادىلەنگەن. رەسسام ئالدى بىلەن سۇس سىياھتا ئىزناسىنى سىزىۋېلىپ، ئاندىن قەۋەتمۇ قەۋەت رەڭ بەرگەن بولۇپ، بۇ تىپىك نەپىس سىزمىدا سىزىق بىلەن ئىزناسىنى ئېلىپ رەڭ تولدۇرۇش ئۇسۇلى ئىدى. (گۇڭبى گۇتيەنفا ئۇسۇلى) خۇاڭ چۈەن بىر ئۆمۈر ئوردىدا ياشىدى. سىزغان رەسىملىرى ئوردىدىكى ئەتىۋارلىق ئۇچار قانات، ھايۋانات ۋە داڭلىق گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخلەر بولۇپ، ئىشلەتكەن رەڭلىرىمۇ دۆلەتمەن، ھەشەمەتلىك ئىدى. شۇڭا، «دۆلەتمەن خۇاڭ ئائىلىسى» دەپ ئاتالغانىدى.