UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسسامنىرىلىڭنەن رەسىم ئېقىمى

لىڭنەن رەسىم ئېقىمى

جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسساملىرى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئالدى - كەينىدە بارلىققا كەلگەن گاۋ جيەنفۇ، گاۋ چىفېڭ، چېڭ شۇرېنلار ۋەكىللىك قىلغان رەسىم ئېقىمى − لىڭنەن رەسىم ئېقىمى دېيىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لىڭنەن دېگەن يېرىدىن بولغاچقا، لىڭنەن رەسىم ئېقىمى دەپ ئاتالغان. «ئېرەن ۋە بۈركۈت» گاۋ جيەنفۇ (1879 −1951 ) نىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تىك ئوقلۇق رەسىمى. بىر تۈپ ئېرەن دەرىخىنىڭ غولىنى سۇس سىياھتا موي قەلەمنىڭ يان بىسى بىلەن توغرىسىغا سۈركەپ سىزىپ چىقارغان. دەرەخ شېخىدا بىر دانە بۈركۈت قونۇپ تۇرغان. ئۇنىڭ ئىككى قانىتى سەل - پەل كۆتۈرۈلگەن، بېشىنى پەسكە ئېگىپ يىراقلارغا قاراپ تۇرغان. ئۇنىڭ ئوۋ ئىزدەۋاتقان كۆزلىرى شۇنداق نۇرلۇق سىزىلغان. گاۋ جيەنفۇ بۈركۈت ئىپادىلەنگەن نۇرغۇنلىغان رەسىملەرنى سىزغان. بۇ ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇ ياش چاغلىرىدا سۈن جۇڭشەننىڭ تۇڭمېڭخۇي تەشكىلاتىغا قاتناشقان. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك تۇڭمىڭخۇينىڭ خۇيجاڭى بولغان. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك تۇتۇق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ بىر ۋەتەنپەرۋەر رەسسام بولۇپ، جۇڭگوچە رەسىمنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىدە يېتەكچىلىك رول ئوينىغان. گاۋ چىفېڭ (1889 −1933 ) گاۋ جيەنفۇنىڭ ئىنىسى بولۇپ، شىر، يولۋاس، ئادەمسىمان مايمۇن، بۈركۈت قاتارلىق ھايۋانلارنى سىزىشقا ۋە چاچما سىياھلىق تاغ - دەريا رەسىملىرىنى سىزىشقا ماھىر. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «سۇقسۇر» نىڭ كومپوزىتسىيىسى ئىخچام بولۇپ، چاچما سىياھلىق كۆڭلەن سىزما ئۇسۇلىدا سىزىلغان. بۇنىڭدا ياپونچە رەسىم ۋە سۇ بوياق رەسىملەرنىڭ تېخنىكىلىق ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلىپ، جۇڭگوچە رەسىمنىڭ ئۇستىخانسىز سىزما ئۇسۇلى بىلەن بىرلەشتۈرگەن. رەڭ بىلەن سىياھ بىر - بىرىگە سىڭىشكەن، سۇ ئىزى ساقلىنىپ قالغان. رەسىم يۈزى لەرزان، گۈزەل، لىرىكىلىققا تولغان. چېڭ شۇرېن (1884 −1948 ) گاۋ جيەنفۇنىڭ ساۋاقدىشى، ئۇنىڭ «لىڭنەندە باھار» ۋەكىللىك ئەسىرى1940 - يىللاردا بىلگىيىدىكى دۇنيا يەرمەنكىسىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسسامنىرى