UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسسامنىرىياڭجۇلۇق سەككىز غەلىتە

ياڭجۇلۇق سەككىز غەلىتە

جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسساملىرى «ياڭجۇلۇق سەككىز غەلىتە» چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ دەۋرىدە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ياڭجۇ دېگەن يېرىدە پائالىيەت قىلغان بىر تۈركۈم كەسپىي رەسساملارغا قارىتىلغان. ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىدىيىسى ئوخشاش بولۇپ تەقدىرداش ئىدى. زادى قايسى رەسساملار سەككىز غەلىتە دېگەن مەسىلىدە ھەركىم ھەرخىل گەپ قىلىدۇ. ئادەتتە ۋاڭ شىشېن، لى شيەن، جىن نۇڭ، خۇاڭ شېن، گاۋ يۈي، جېڭ شيې، لى فاڭيىڭ ۋە لو پىنلار سەككىز غەلىتە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار رەسىم سېتىپ تىرىكچىلىك قىلغان. رېئاللىققا گۇمانىي پوزىتسىيە تۇتقان ۋە نارازى بولغان. ئەمگەكچى خەلقنىڭ جاپا - مۇشەققەتلىرىگە ھېسداشمەن بولغان. سەنئەت جەھەتتە قېلىپلاشقان قائىدە ۋە قەدىمكى مىزانلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان. تېما تاللاش ۋە مەزمۇن جەھەتتە يېڭىلىق ياراتقان، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى رەسىمگە كىرگۈزۈپ، گۈل - قۇش رەسىملىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. ئۇلارنىڭ سىزىق ۋە سىياھلىرى مەردانە، بىمالال بولۇپ روھىي قىياپەتنى ئىپادىلەشكە ئىنتىلگەن. لى شيەننىڭ «توخۇ» دېگەن رەسىمىدە، سۆگەت شاخلىرى ئاستىدىكى قاشا يېنىدا دانلاۋاتقان خوراز سىزىلغان. بۇ سۇلۇق سىياھتا سىزىلغان كۆڭلەن سىزما رەسىم بولۇپ، سىزىقلىرى خۇددى ئىختىيارىي سىزىپ قويغاندەكلا بىمالال، مەردانە ئىدى. سىياھلىرى نەمخۇش بولۇپ، قېنىق - سۇسلۇقى دەل جايىدا بولغان ئىدى. قاشا يېنىغا بىرنەچچە تال ياۋا جۇخار گۈلى ۋە ياۋا ئوتلار سىزىلغان بولۇپ، رەسىم يۈزى مول، كەڭتاشا كۆرۈنەتتى. يۇقىرى سول تەرەپكە: «كەلدى جۇدۇن، چۈشتى قىرو ئورمانغا، تۆكۈلدى ياپراق ئاستا لەيلەپ تۇپراققا. سىزدىم خوراز تەشنا، ئۈمىد، ئارزۇدا، تولسا جاھان ياخشىلىققا، ئۇ سەھەردە چىللىسا» دەپ بېغىشلىما يېزىپ، «كىشىلەرنى ياخشىلىق قىلىش» قا ئۈندىگەنىدى. جېڭ شيې (بەنچياۋ)نىڭ «بامبۇك» دېگەن رەسىمىدە ئىككى تۈپ باراقسان بامبۇك بىر - بىرىگە ياندىشىپ تۇرماقتا، پەس تەرەپتە ئىككى تۈپ يۇمران بامبۇك نوتىسى قوشۇمچە قىلىنغان. بامبۇك يوپۇرماقلىرىنىڭ زىچ - شالاڭلىقى، قېنىق - سۇسلۇقى ياخشى بىر تەرەپ قىلىنغان. رەسىم چېچىلىپ كەتمىگەن، كومپوزىتسىيىسى سەرخىل بولغان، تۆۋەن سول تەرەپكە رەسسام ئۆزى ئىجاد قىلغان «چىفېنشۇ» نەزمىسى شەكلىدە: «ئىزغىرىندا چاراسلاپ ئېگىلگەندەك بامبۇكلار، ئاچارچىلىق دەستىدىن سۇندى پۇقرا قامىتى. يىغا - زار قاپلىدى ئادالەتسىز جاھاننى، يايى - باتۇر پۇشۇلداپ پۇقرا بىلەن نە ئىشى» دەپ بېغىشلىما يازغان. رەسىمنى كۆرۈپ نەزمنى ئوقۇغاندا شۇ چاغدىكى ئاپەت ۋە ئاچارچىلىقنى باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. بۇ رەسىم رەسسامنىڭ ئۆرتەنگەن قەلبىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. سەككىز غەلىتىنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىدە خەلقنىڭ ھال - ئەھۋالىغا يېتىش، كەمبەغەل خەلققە ھېسداشلىق قىلىش، رېئاللىققا نارازى بولۇشتەك سىياسىي پوزىتسىيە ئىپادىلەنگەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسسامنىرى