يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۆت پېشۋا
جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسساملىرى
يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى رەسساملاردىن خۇاڭ گۇڭۋاڭ، ۋاڭ مېڭ، نى زەن ۋە ۋۇ جېنلەر «يۈەن سۇلالىسىدىكى تۆت پېشۋا» دەپ ئاتالغان. ئۇلار تاۋيۈەنمىڭچە (تاۋ يۈەنمىڭ شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تەركىدۇنيا بولۇپ ياشىغان شائىر − ت) تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاشقا ئىنتىلگەن، «تاغ - دەريالارنى دوست تۇتقان» بولۇپ، تاغ - دەريالارنى سىزىش ئارقىلىق چەتكە قېقىلغانلىققا بولغان قورساق كۆپۈكىنى بايان قىلىشقان. گەرچە ھەقىقىي مەۋجۇت تاغ - دەريالارنى ئاساس قىلىپ سىزغان بولسىمۇ، كىشىگە چۆلدەرەپ قالغان، سۆرۈن ياكى ئىنسۇجىنسىز تۇيغۇ بېرەتتى. ئادەتتە ئادەم سىزمايتتى ياكى ئىنتايىن ئاز سىزاتتى، «ئىنسۇجىنسىز زېمىن» دىن ئىبارەت كۆڭلەن مەنزىرە يارىتىپ، رېئاللىققا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەيتى.
خۇاڭ گۇڭۋاڭ (1269 −1354 ) كىچىك ئەمەلدار بولغان. ناھەق ئىشلارنى كۆرگەندە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئۈچۈن، ھوقۇقدارلارنى رەنجىتىپ قويۇپ، ئىككى قېتىم تۈرمىگە چۈشۈپ، جېنىدىن ئايرىلغىلى تاسلا قالغان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئەمىلىدىن ۋاز كېچىپ راھىب بولۇپ، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى فۇچۇنچياڭدا تەركىدۇنيا بولۇپ ياشىغان. «فۇچۇنشەن تېغىدا ماكانلىشىش» دېگەن ئۇزۇن يۆگىمە رەسىم ئۇنىڭ داڭلىق ئەسىرى بولۇپ، فۇچۇنشەن تېغىدىكى تۇمان، بۇلۇت، رەخت، تاغ، ئورمانلىقتىكى ئۆي قاتارلىق ئومۇم مەنزىرە رەسىمدە تەپسىلىي سىزىلغان. قەلىمى كەسكىن، پاكىز، ئۆزگىرىشچان. گاھىدا ئىنچىكە، گاھىدا دىقماق قەلەم ئىشلەتكەن. گاھىدا قۇرغاق قەلەم بىلەن رېتوشلىغان. قەلەم سىزىقلىرى مەردانە، سىياھ رەڭلىرى سۈزۈك، ۋەزىنلىك. مەلىكىلىك ۋە ئىخچام سىزىق − سىياھ ماھارىتى رەسىمنى مول، ئاددىي - ساددا بەدىئىي ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرگەن. بۇ رەسىم كېيىنكى بىرنەچچە يۈز يىللار بويى، خۇددى خەتتاتلىقتا ۋاڭ جۇڭيىنىڭ «لەنتىڭ راۋىقى مۇقەددىمىسى» گە ئوخشاش، تاغ - دەريا رەسىملىرىنى ئۆگىنىشنىڭ بىرىنچى ئۈلگىسى بولۇپ قالغان.
ۋاڭ مېڭ (1308 −1385 ) خۇاڭخېشەن تېغىدا30 يىلغا يېقىن تەركىدۇنيا بولۇپ ياشىغان. ئۇ سىزغان تاغ - دەريا رەسىملىرىدىكى سىزىقلار مەلىكىلىك، كۈچلۈك بولۇپ، يۈكسەك رېئال سىزما ئىقتىدارىغا ئىگە. «ياپيېشىل بىيەنشەن تېغىدىكى خىلۋەت ماكان» دېگەن رەسىمدە، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇشىن دېگەن يېرىدىكى بىيەنشەن تېغىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن، رەسىم يۈزى زىچ بولسىمۇ قىستاڭ بولۇپ قالمىغان. ئېنىقلىق ئىچىدە تۇتۇقلۇق، تۇتۇقلۇق ئىچىدە ئېنىقلىق بولۇپ، «جاھاندىكى بىرىنچى رەسىم» دەپ ئاتالغان.
نى زەن (1301 −1374 ) باي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ياش ۋاقىتلىرىدىكى تۇرمۇشى خاتىرجەم، باياشات ئۆتكەن. ئىستىقامەتتە ئولتۇرغان. ياشانغاندا ئۆي ۋە يەرلىرىنى سېتىۋېتىپ20 يىلدىن ئارتۇق جاھان كەزگەن. «كۈزلۈك يامغۇردىن كېيىنكى بېلىقچىلار كەنتى» دېگەن رەسىم نى زەننىڭ داڭلىق ئەسىرى. رەسىمنىڭ كومپوزىتسىيىسى ئاددىي، رەسىمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ يەرنى سۇ ئىگىلىگەن. رەسىمنىڭ ئالدى تەرىپىدە يېقىن مەنزىرە، يۇقىرى تەرىپىدە يىراق مەنزىرە سىزىلغان. يېقىندىكى توپا دۆڭىدە بىرنەچچە تۈپ شالاڭ دەرەخلەر، يىراقتا شېغىل تاشلار تۇرغان بولۇپ، سىزىق ۋە سىياھ ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، كۆڭلەن مەنزىرىسى ئىنتايىن چوڭقۇر.
ۋۇ جېن (1280 −1354 ) مىجەزى غەلىتە بولۇپ، ياش چاغلىرىدا رەمماللىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزگەن. نەزم يېزىش، خەتتاتلىق ۋە رەسساملىقتا نامى چىققاندىن كېيىن، باي ئاقسۆڭەكلەر بىلەن باردى - كەلدى قىلىشنى خالىماي ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تەركىدۇنيا بولۇپ ياشىغان. «قومۇش پۆپۈكى ۋە ياۋا غاز» ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. رەسىمنىڭ يېقىن تەرىپىدىكى يېكەنلىك كۆلدىكى كىچىك قولۋاقتا بىر بوۋاي بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىماقتا. ئاسماندا ئىككى ياۋا غاز كۆكنى يېرىپ ئۇچۇپ ئۆتمەكتە. رەسىمدىكى روھسىز، قايمۇققان، ئېسەنگىرەپ قالغاندەك كۆڭلەن مەنزىرە دەل ئۇنىڭ تەكەببۇرانە خاراكتېرىنىڭ تەسۋىرى ئىدى.