UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسسامنىرىلياڭ كەي ۋە ئۇنىڭ «لى بەينىڭ نەزم ئوقۇشى»، «چاچما سىياھتا سىزىلغان ئەۋلىيا» دېگەن رەسىملىرى

لياڭ كەي ۋە ئۇنىڭ «لى بەينىڭ نەزم ئوقۇشى»، «چاچما سىياھتا سىزىلغان ئەۋلىيا» دېگەن رەسىملىرى

جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسساملىرى جۇڭگونىڭ پېرسوناژلىق رەسىمى جەھەتتە سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئىنچىكە نەپىس سىزىلىدىغان بەيماۋ (سىزىق تەسۋىر) ئاساسىدا، مەردانە، سىياھ تېمىپ تۇرىدىغان كۆڭلەن سىزما ماھارىتى بارلىققا كەلدى. ئەڭ كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكىنى لياڭ كەينىڭ ئىخچام سىزىش ئۇسۇلى بىلەن سىياھ چېچىپ سىزىش ئۇسۇلى بولۇپ، لەرزان، سەرخىل ۋە ئىخچام ئىپادىلەيتتى. لياڭ كەي (تەخمىنەن13 - ئەسىر)نىڭ مىجەزى ئۆز بېشىمچى ئىدى. سۇڭ سۇلالىسىدىكى نىڭ زۇڭجاۋ ئۇنىڭغا ئالتۇن كەمەر ھەدىيە قىلغاندا ئۇ قوبۇل قىلماي رەسساملار مەھكىمىسىگە ئىلىپ قويۇپ كېتىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ لەقىمى «لياڭ كەي ساراڭ» ئىدى. لياڭ كەينىڭ رەسىم سىزىشتا ئىشلىتىدىغان سىزىقلىرى روشەن خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. «لى بەينىڭ نەزم ئوقۇشى» دېگەن رەسىمدە، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شائىر لى بەينىڭ كۆككە قاراپ تۇرغان، قەلبىدە نەزم ئۆركەشلەپ تۇرغان، مەردانە، ئەركىن پىكىر قىلىۋاتقان روھىي ھالىتى تەسۋىرلەنگەن. ئۇ لى بەينىڭ ئوبرازى ئارقىلىق كۆڭلىدىكىنى بايان قىلىپ، سىزىق ۋە سىياھ ئارقىلىق قورسىقىنى بوشاتقان. مەردانە، لەرزان سىزىق سىياھلار لى بەينىڭ رومانتىك نەزملىرى بىلەن ئاھاڭداش ئىدى. «نەزم پىرى» نىڭ مەستخۇش مەغرۇر ھالىتى، تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان سالاپەتلىك روھىي قىياپىتىنى بىر نەچچە سىزىقتىلا قالتىس ئوخشىتىپ سىزغان. لى بەينىڭ يۈز قىسىم قىياپىتى، تېرىسى، چاچ - ساقاللىرىنى ئىخچام سۇس سىياھتا سىزىپ، سۈپەت تۇيغۇسىنىمۇ ئېنىق ئىپادىلەپ بەرگەن. پەرىجىسىنى سىزغاندا چۈشكەن ۋە كۆتۈرۈلگەن قەلەمنى ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بەدەن قۇرۇلمىسى بىلەن كىيىم قاتلاقلىرىنى ئاجايىپ يارىشىملىق تەسۋىرلەپ بەرگەن. قەلىمى كۈچلۈك، سىزىقلار راۋان، ھالبۇكى ئارقا كۆرۈنۈشكە بىر تال سىزىقمۇ تەگكۈزمىگەن. بۇنىڭدىن ئارتۇق ئىخچاملاشقا بولمايتتى. ئۇ جۇڭگوچە رەسىمدىكى «شەكىل ئارقىلىق روھنى ئىپادىلەش» تەك بەدىئىي ئالاھىدىلىكنى مىسلىسىز سەۋىيىگە يەتكۈزگەن. «چاچما سىياھتا سىزىلغان ئەۋلىيا» دېگەن رەسىم لياڭ كەينىڭ چاچما سىياھلىق پېرسوناژلىق رەسىم جەھەتتىكى يەنە بىر ۋەكىللىك ئەسىرى. رەسىمدىكى بۇ ئەۋلىيانىڭ ئوبرازى بەكمۇ كۈلكىلىك. بەدىنى سېمىز، بويى پاكار، بېشى يوغان، بوينى قىسقا، قاش - كۆزىنى ئەتەي يۈزىنىڭ تۆۋەن قىسمىغا قىستاپ چۈشۈرۈۋەتكەن. بېشى بىلەن بوينىنى كەڭ ۋە يوغان سىزىش ئارقىلىق، ئەۋلىيانىڭ بەندىلەرگە ئوخشىمايدىغان روھىي قىياپىتىنى قالتىس ئىپادىلىگەن. رەسىمدە سىزىق ئىشلىتىلمىگەن. بەلكى توم قەلەم بىلەن قېنىق سۇس سىياھ ئارقىلىق ئوبراز يارىتىلغان. باش قىسمىنى سىزغاندا سۇس سىياھلىق قەلەمنى توغرىسىغا سۈركەپلا يۈز شەكلىنى ھاسىل قىلغان. قېنىق ۋە سۇس سىياھلىق قەلەمنى ئىنتايىن تېزلىكتە تۆۋەن سول تەرەپگە تارتىش ئارقىلىق، كەڭ يەكتەكنى سىزىپ چىقارغان. سول يەڭنى سۇس سىياھتا سىزىپ كۆكرەك بىلەن تومپىيىپ چىققان قورسىقىنى گەۋدىلەندۈرگەن، ئالغا قاراپ قەدەم تاشلىغان ئوڭ پۇتى ۋە كەڭ ئىشتىنى خۇددى شامالدا يەلپۈنۈۋاتقاندەك تۇيغۇ بەرگەن. لياڭ كەي ئىخچام سىزىش ئۇسۇلى بىلەن چاچما سىياھ ئۇسۇلىنى پېرسوناژلىق رەسىمگە ئىشلىتىپ، ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى رەسساملىق ماھارىتىگە زور تۆھپە قوشقان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسسامنىرى
لياڭ كەي ۋە ئۇنىڭ «لى بەينىڭ نەزم ئوقۇشى»، «چاچما سىياھتا سىزىلغان ئەۋلىيا» دېگەن رەسىملىرى | UyghurWiki | UyghurWiki