UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسسامنىرىيۈن گې ۋە ئۇنىڭ «سۇدىن چىققان نېلۇپەر» دېگەن رەسىمى

يۈن گې ۋە ئۇنىڭ «سۇدىن چىققان نېلۇپەر» دېگەن رەسىمى

جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسساملىرى يۈن گې (1633 −1690 ) چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى گۈل - قۇش رەسىمى رەسسامى. ئۇنىڭ سىزىش ئۇسۇلى بەش دەۋر ۋە سۇڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى خۇاڭ چۇەنگە ئوخشاشمايدۇ. ئۇ ئىزنا سىزىق سىزمايدۇ. سىياھ ياكى رەڭدە چېكىتلەپ بوياپ بىۋاسىتە شەكىلگە كەلتۈرىدۇ. شۇڭا، «سۆڭەكسىز سىزىش ئۇسۇلى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ رەسىم سىزغاندا قەلەمنى يېنىك تەگكۈزىدۇ. رەڭلىرى يارقىن، ئۇسلۇبى سۈزۈك، نەپىس ۋە ئەۋرىشىم، «سۇدىن چىققان نېلۇپەر» دېگەن رەسىمدىن يۈن گېنىڭ بەدىئىي ئۇسلۇبىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. پاتقاقتىن بىخ ئۇرۇپ سۇ يۈزىگە چىققان ياش نېلۇپەر، قېپقىزىل چوغدەك گۈل بەرگلىرى پورەكلەپ ئېچىلغان، سۇ يۈزىدە بىر مۇنچە يېرىم قۇرۇغان نېلۇپەر يوپۇرماقلىرى بىلەن سولاشقان نېلۇپەر چىنىلىرى لەيلەپ تۇرغان. بۇ كەچ كۈز پەسلىنىڭ كەلگەنلىكىدىن بېشارەت بېرەتتى. بۇ پورەكلەپ ئېچىلىپ تۇرغان نېلۇپەر قەھرىتان سوغۇق شامالدا قەددىنى كۆتۈرۈپ، مەغرۇر تۇراتتى. رەسسام بۇ رەسىمنىڭ يېنىغا: «بىخ ئۇرۇپ چىقتى نوتا پاتقاقتىن، پاك، سۇباتلىق ھەم ئەۋرىشىم قامىتى. سۇندۇرالماس قەددىنى، قەھرىتان غەرب شامىلى، ئاسرار ئۇنى بىخۇدۈك، ساھىبجامال كىيىمى» دەپ بېغىشلىما يېزىپ، بۇ سۇدىن چىققان نېلۇپەرنى جەسۇر مىجەزلىك ساھىبجامالغا ئوخشاتقان. پۈتۈن رەسىم ساپ رەڭلەرنى بىۋاسىتە چېكىپ بوياش ئارقىلىق سىزىلغان. رەڭ تۈسى پاكىز، چىرايلىق، يارقىن ۋە ئازادە، ئىشلەتكەن قەلىمى مەردانە، لەرزان، يەڭگىل بولۇپ، بۇ «سۇدىن چىققان نېلۇپەر» نىڭ تاڭ سەھەردىكى قەددى - قامىتى كىشىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسسامنىرى
يۈن گې ۋە ئۇنىڭ «سۇدىن چىققان نېلۇپەر» دېگەن رەسىمى | UyghurWiki | UyghurWiki