مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۆت پېشۋا
جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسساملىرى
«يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۆت پېشۋا» نىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ رەسساملىقتا يۈكسەك ماھارەتكە يەتكەن مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى رەسساملاردىن شېن جۇ، ۋېن جېڭمىڭ، تاڭ يىن ۋە چۇ يىڭلار «مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۆت پېشۋا» دەپ ئاتالغان. ئۇلار «ۋۇمېن رەسىم ئېقىمى» نىڭ ۋەكىللىك شەخسلىرى.
شېن جۇ (1427 −1509 ) جياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشيەن ناھىيىسىدىن، خەتتات، رەسسام ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كۆپ تەرەپلىمە سەنئەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، تاغ - دەريا ۋە پېرسوناژلىق رەسىملىرىنى سىزىشقا ماھىر. «بىپايان دىيار» دېگەن ئۇزۇن يۆگىمە رەسىم، ئۇ ياشانغاندا سىزغان داڭلىق ئەسەر، قېنىق قارا سىياھقا تەيديەن (مۇخچە چېكىت) قوشۇپ سىزىش شېن جۇ رەسىملىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىك، رەسىم سىزىلىپ بولۇشتىن ئىلگىرى، ئىزنا سىزىقىنىڭ ئۈستىگە ۋە ئىزنا سىزىقىنىڭ ئىچىگە، بەزىدە ھەتتا ئىزنا سىزىقتىن خېلى يىراق يەرلەرگە تەيديەن چېكىتلىرىنى چېكىپ، تاغ گەۋدىسىنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى قاتلاملارنى روشەنلەشتۈرگەن. بۇ نۇرغۇنلىغان چېكىتلەر رەسىم يۈزىنى بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇرغان.
ۋېن جېڭمىڭ (1470 −1559 ) چاڭجۇ (بۈگۈنكى سۇجۇ)لۇق، رەسسام ۋە شائىر. پېرسوناژلىق رەسىم، گۈل - قۇش رەسىمى ۋە تاغ - دەريا رەسىملىرىنى سىزالايدۇ. خۇسۇسەن ئىنچىكە موي قەلەم بىلەن سىزغان تاغ - دەريا رەسىملىرى بەكمۇ داڭلىق. «لەنتىڭ راۋىقىدىكى زارا خەتمە» دېگەن ئىنچىكە سىزىقلىق تاغ - دەريا رەسىمى ئۇنىڭ تىپىك ئەسىرى بولۇپ، شەرقىي جىن سۇلالىسىدىكى ۋاڭ يىجى قاتارلىق41 ئادەمنىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى شياشىن شەھىرىنىڭ لەنتىڭ راۋىقىغا جەم بولۇپ نەزم ئوقۇۋاتقان شاد - خۇرام كۆرۈنۈشى مەزمۇن قىلىنغان. بۇ نەپىس سىزما بىلەن كۆڭلەن سىزما ئارىلاشتۇرۇلغان ئۇسۇلدا سىزىلغان كۆك، يېشىل تاغ - دەريا رەسىمىدىكى سىزىقلار ئەستايىدىل، نەپىس بولۇپ، قىلچە بىپەرۋالىق قىلىنمىغان. دەرەخ، بامبۇكلار سىزىلغان بولسىمۇ ئۆلۈك - قاتمال بولۇپ قالمىغان، قارشى قىرغاقتىكى تاغلار ئاددىي - ئىخچام رېتوشلانغان. رەسىمدە زىننەتلىمە پۇراق بولۇپ، ۋۇمېن ئېقىمىدىكى رەسساملارنىڭ ھويلا - ئارام، باغ - ۋاران سىزىشقا ماھىر بولۇشتەك ئۆزگىچىلىكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلغان.
تاڭ يىن (1470 −1524 ) تاڭ بوخۇ دېگەن كىشى بولۇپ، سۇجۇلۇق. بەدىئىي تالانتى يۇقىرى بولۇپ، مەيلى تاغ - دەريا رەسىمى، پېرسوناژلىق رەسىم ۋە گۈل - قۇش رەسىمى جەھەتلەر بولمىسۇن يۈكسەك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن. «يۇرتىغا ئېشەكلىك قايتىش» دېگەن رەسىم ئۇنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىنىڭ بىرى. رەسىمدە چوڭ تاغ، سول تەرەپتىكى شارقىراتما سۇلىرى تىك چۈشۈپ تاغ باغرىلاپ ئېقىۋاتقان، ئوڭ تەرەپتە بىر ئېشەكلىك ئادەم تاغ ئارىسىدىكى چىغىر يولدا كېتىۋاتقان كۆرۈنۈش تەسۋىرلەنگەن. تاغ ئىنچىكە ۋە يۇمران سىزىقلار بىلەن سىزىلغان ۋە يېنىك، سۇس، يۇمران سىياھ ئىشلىتىلگەن. گەرچە سۇڭ سۇلالىسىدىكى رەسىملەردەك خەتەرلىك تاغ، تىك چوققىلار بولسىمۇ، ئۇلاردەك ئۆتكۈر، بىسلىق سىزىقلارنى ئىشلەتمىگەن. بۇ يەردىكى تاغ ۋە چوققىلار گۈزەل، سەلكىن، لاتاپەتلىك كەيپىياتتا بولۇپ، ئەدىبلەر رەسىمىنىڭ پۇرىقى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.
چۇ يىڭ (؟ −1552 ) جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ تەيساڭ ناھىيىسىدىن. سىرچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. پېرسوناژلىق رەسىم، تاغ - دەريا رەسىملىرىنىڭ پىرى بولۇپ، «پەۋقۇلئاددە تالانت» دەپ ئاتالغان. ئۇ ھەرقايسى ئېقىملارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان. «تاۋيۈەندىكى سېھىرلىك ئالەم» دېگەن رەسىم ئۇنىڭ داڭلىق تاغ - دەريا رەسىم ئەسىرى. رەسىمدە تاغ چوققىسى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، چوققىنى ئايلىنىپ لەيلەپ يۈرگەن ئاق بۇلۇتلار ئىچىدە راۋاق غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. رەسىمنىڭ رەڭلىرى سۈزۈك، سۇس، لاتاپەتلىك، تەبىئىي ھەم ماسلاشقان.