UyghurWiki›جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسسامنىرى›جاڭ داچيەن ۋە ئۇنىڭ «تۈمەنمىڭ چاقىرىملىق چاڭجياڭ دەرياسى» رەسىمى
جاڭ داچيەن ۋە ئۇنىڭ «تۈمەنمىڭ چاقىرىملىق چاڭجياڭ دەرياسى» رەسىمى
جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسساملىرى
جاڭ داچيەن (1899 −1983 ) ئىنتايىن تالانتلىق كاتتا رەسسام. ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا غەربچە رەسساملىق بىلەن جۇڭگوچە رەسىمنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن. جۇڭگوچە رەسساملىقنى چاچما سىياھلىق سىزما بىلەن ئۇستىخانسىز سىزما ئۇسۇلى ئاساسىدا، غەربنىڭ مودېرنىزمچە ئابستراكت سەنئىتىنىڭ ئېلېمېنتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، «چاچما رەڭلىك سىزما ئۇسۇلى» نى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە رەسىمنىڭ تاغ - دەريا رەسساملىقىغا زامانىۋى پۇراق ئاتا قىلغان.
«تۈمەنمىڭ چاقىرىملىق چاڭجياڭ دەرياسى» دېگەن رەسىم جاڭ داچيەن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ ئىجاد قىلغان غايەت زور سەھىپىلىك ئۇزۇن يۆگىمە رەسىم.
رەسىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى20 مېتىر بولۇپ، رەسسامنىڭ ئايرىلغىنىغا30 يىل بولغان چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى سەلتەنەتلىك تاغ - دەريالارغا بولغان رىشتىسىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. رەسىم مىنجياڭ دەرياسىدىكى تۆمۈر زەنجىرلىك كۆۋرۈكتىن باشلىنىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئاغزىغىچە بولۇپ، رەسسامنىڭ تەسەۋۋۇرى ۋە ئەسلىمىسىدىكى تۈمەنمىڭ چاقىرىملىق چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ مەنزىرىسى رەسىم قەغىزىگە مەركەزلەشتۈرۈلگەنىدى. رەسىمدە ئېرىق - ئۆستەڭلەرنىڭ بېشى، بۇرۇلۇپ ئېقىۋاتقان ئەزىم دەريا، قاتمۇ قات تاغ ۋە ئېگىز چوققىلار، تىك يار، خەتەرلىك قايناملار، تاغدىكى بۇلۇت - تۇمانلار، شارقىراتما، كەنت، پرېستانلار، داڭلىق شەھەر، قەدىمكى بۇتخانىلار، دەريا بويلاپ كەتكەن ئېتىزلار، بېلىقچى كېمىلىرى، دەريا ئوتتۇرىسىدىكى ئاراللار، ھەيۋەتلىك دولقۇنلار ئىپادىلەنگەن. رەسىم ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك تۈس ئالغان. رەسىم ئاساسلىق چاچما رەڭ ئۇسۇلىدا سىزىلغان بولۇپ، ئاندىن ئەنئەنىۋى سىزىق ئۇسۇلىدا تاغ، تاش، دەل - دەرەخ ۋە ئۆيلەر سىزىلغان. ئوچۇقلۇق بىلەن تۇتۇقلۇق مۇۋاپىق، ئوبرازلىق ۋە يىغىنچاق بولغان. ياپيېشىل، بۈك - باراقسان ئورمانلىقلار يېشىل رەڭ ۋە سىياھتا سىزىلغان ئۆزگىرىشچان تاغ ۋە ئورمانلىقلار، كىشىلەردە يىراقتىكى تەسەۋۋۇرلارنى ئويغىتىپ، گۈزەللىكتىن بەھرە ئالدۇرۇپ كىشىنى مەستخۇش قىلىدۇ.