UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسسامنىرىگۇ خۇڭجۇڭنىڭ «خەن شىزەينىڭ كەچلىك زىياپىتى» دېگەن رەسىمى

گۇ خۇڭجۇڭنىڭ «خەن شىزەينىڭ كەچلىك زىياپىتى» دېگەن رەسىمى

جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسساملىرى جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامانلاردىكى پېرسوناژلىق رەسىم سىزىدىغان رەسساملىرى كۆزى كۆرگەننى كۆڭلىگە پۈكىدىغان يۈكسەك ماھارەتكە ئىگە ئىدى. «خەن شىزەينىڭ كەچلىك زىياپىتى» دېگەن رەسىمنى بەش دەۋردىكى مەشھۇر رەسسام گۇ خۇڭجۇڭ (910 -980 - يىللاردا) زىياپەت ئەھلىگە ئارىلىشىپ كىرىپ، زىياپەت ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، ئاندىن خاتىرىسىگە تايىنىپ ئىجاد قىلغان رېئالستىك داڭلىق ئەسەر. بۇ ئەسەردە شۇ چاغدىكى جەمئىيەت ھادىسىسى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. پېرسوناژلارنىڭ روھىي قىياپىتى ئىنچىكە تەسۋىرلەنگەن. خەن شىزەي ئەسلىدە شىمالدىكى زەردار، جەمەتلىك ئائىلىدىن بولۇپ، سىياسىي غايىگە ئىگە ئىدى. جەنۇبىي تاڭ سۇلالىسىنىڭ كەنجى پادىشاھى لى يۈ ئۇنى ۋەزىرلىككە تەيىنلىمەكچى بولىدۇ. بىراق ئوردىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ چىرىكلەشكەنلىكىنى، ھۆكۈمران سىنىپ ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن خەن شىزەي باشتىن ئاخىر - ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالماي كۈندە دېگۈدەك كەچلىك زىياپەت، ناخشا - ئۇسسۇل، كۆڭۈل ئېچىشلار ئارقىلىق پادىشاھنىڭ كۆزىنى بوياپ ئۆزىنى يارامسىز كۆرسىتىپ، قابىلىيىتىنى يوشۇرۇپ يۈرىدۇ. شۇڭا لى يۈي ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىش ئۈچۈن رەسسام گو خۇڭجۇڭنى خەن شىزەينىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئەھۋال كۆزىتىپ بۇ يۆگىمە رەسىمنى سىزىشقا ئەۋەتىدۇ. رەسىم «مۇزىكا ئاڭلاش، ئۇسسۇل كۆرۈش، دەم ئېلىش، سالقىنداش» ۋە «زىياپەتتىن تارقاش» دېگەندەك بەش بۆلەككە بۆلۈنگەن، ھەر بىر بۆلەك ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل رەسىممۇ بولالايدۇ. ھەممىسى قوشۇلۇپ، جەريان رىتىمى بار بىر پۈتۈن گەۋدىمۇ بولالايدۇ. ھەرقايسى بۆلەكلەردە كۆرۈنگەن خەن شىزەينىڭ يۈز قىسمى، كىيىمى، ھەرىكىتى ۋە چىراي - ئىپادىلىرى ئوخشاشمايدۇ. رەسىمدە تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئەمما روھىي ھالىتىدىن قايغۇ - ھەسرەت چىقىپ تۇرغان، ئۆزى كەچلىك بەزمىدە بولسىمۇ، كۆڭلى بۇ خۇشال كەيپىياتتىن يىراق بولغان ئوقۇمۇشلۇق زاتنىڭ ئوبرازى ئوخشاش بولمىغان تەرەپلەردىن بەكمۇ روشەن تەسۋىرلەنگەن. بۇ يۆگىمە رەسىمدە چاتما رەسىمگە ئوخشاپ كېتىدىغان شەكىل قوللانغان بولۇپ، زىياپەتنىڭ باشتىن - ئاخىرغىچە بولغان ئاساسلىق كۆرۈنۈشلىرى ئىپادىلەنگەن. بۇ رەسىمنىڭ بەزى كۆرۈنۈشلىرىدە تام، ئىشىك - دېرىزە ۋە ئۆگزىلەر سىزىلمىغان، يورۇق - قاراڭغۇ ۋە شام - چىراغلارمۇ سىزىلمىغان. بىراق، پېرسوناژلارنىڭ پائالىيەتلىرى ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرگە زىياپەتنىڭ ئۆي ئىچىدە، كېچىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھېس قىلدۇرۇلغان بولۇپ، خۇددى جۇڭگونىڭ كونا تىياتىرلىرىدا دېكوراتسىيە ئىشلەتمەي، قول ھەرىكىتى ۋە كۆز ئىشارىتى ئارقىلىقلا ئەتراپتىكى نەرسىلەرنى تاماشىبىنلارنىڭ كۆز ئالدىغا كەلتۈرگىنىدەك، جۇڭگو ئەنئەنىۋى رەسساملىقىنىڭ ئىخچاملاش ماھارىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. «خەن شىزەينىڭ كەچلىك زىياپىتى» دېگەن رەسىم قەلەم ئىشلىتىش، رەڭ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. پۈتۈن رەسىم نەپىس، ئىنچىكە سىزىلغان بولۇپ، سىياھ ۋە سىزىقلىرى راۋان، توغرا، يۇمشاقلىق ئىچىدە قاتتىقلىق ئىپادىلەنگەن. پېرسوناژلارنىڭ ساقال - بۇرۇتى ۋە قاشلىرىغا سىزىق بىلەن بوياش ئۇسۇلى بىرلەشتۈرۈلۈپ، يۇمران ۋە تەبىئىي تەسۋىرلەنگەن، پېرسوناژلارنىڭ كىيىم سىزىقلىرى ئەستايىدىل ۋە ئىخچام تەشكىللەنگەن. نەرسە - كېرەكلەرنىڭ ئەينەنلىكى كۈچلۈك بولغان چوڭ ھەجىمدىكى ئاق - قارا ئارقىلىق رەسىم يۈزىنىڭ رەڭدارلىقى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، بىر پۈتۈن رەسىم يارقىن ھەم تەمكىن كۆرۈنۈشكە ئىگە قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ مەشھۇر رەسىم ۋە رەسسامنىرى