شىپاڭ مەنزىرىلىرى
جۇڭگونىڭ باغ-ئورمانچىلىقى
جۇڭگو باغ -ئورمانلىرىدا، شەكلى خىلمۇخىل شىپاڭلار ھەممىدىن كۆپ ئۇچرايدۇ. باغ توغرىسىدىكى مەشھۇر ئەسەر «باغشۇناسلىق» تا شىپاڭلارغا: «شىپاڭ دېمەك توختا دېمەكتۇر» دەپ تەبىر بېرىلگەن. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى شىپاڭ ئادەمنى توختىتىدىغان يەر، دېگەنلىك بولىدۇ، شۇڭا شىپاڭلارنىڭ كۆپىنچىسى گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىدىغان جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
شىپاڭلار چوڭمۇ بولىدۇ، كىچىكمۇ بولىدۇ، ئەڭ چوڭى يىخېيۈەن باغچىسىدىكى17 تۆشۈكلۈك كۆۋرۈكنىڭ شەرقىدىكى «لاڭرۇ شىپاڭى» بولۇپ، ئۇنىڭ كۆلىمى130 كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق. بۇ شىپاڭنىڭ ئۆگزىسى ئۇچلۇق مۇنار شەكلىدە، لېكىن مۇنارغا ئوخشىمايدىغانلىرىمۇ بار. مەسىلەن، جوجېڭيۈەن بېغىدىكى «شۆشياڭ يۈنۋېي شىپاڭى»، گۇگۇڭ (خان سارىيى) دىكى «جىڭتىڭ شىپاڭى»، سۇجۇدىكى «ساڭلاڭ شىپاڭى» ۋەھاكازالارنىڭ ئۆگزىسى مۇنار شەكلىدە ئەمەس. شىپاڭلار ئادەتتە ئاز دېگەندە ئۈچ تۈۋرۈكلۈك بولىدۇ، بۇلۇڭ تەرىپىدە چوقۇم تۈۋرۈك بولۇش كېرەك، لېكىن بىر تۈۋرۈكلۈك كۈنلۈك شەكلىدىكى شىپاڭلارمۇ، تۆت تۈۋرۈكلۈك، سەككىز بۇرجەكلىك ياكى تۆت بۇرجەكلىك،16 تۈۋرۈكلۈك دېگەنگە ئوخشاش شىپاڭلارمۇ بار. تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا شەكلى ھەر خىل شىپاڭلار100 نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ.
شىپاڭ كىچىك بولغىنى بىلەن، بەزى باغلاردىكى شىپاڭلارغا مەشھۇر جايلارنىڭ نامى بېرىلگەن. مەسىلەن، شاۋشىڭدىكى «لەنتىڭ» شىپاڭى «قەلەمكەشلەر ئەۋلىياسى» دەپ ئاتالغان ۋاڭ شىجى يازغان «لەنتىڭ نەزملىرىگە كىرىش سۆز» دېگەن ئەسىرى بىلەن داڭق چىقىرىپ، مەنزىرىلىك رايوننىڭ نامى بولۇپ قالغان. سۇجۇدىكى «ساڭلاڭ شىپاڭى» دېگەن نام باغ نامى قىلىنغان، بۇ باغ سۇجۇدىكى ئەڭ قەدىمكى باغ ھېسابلىنىدۇ. باغلاردىن شىپاڭلار ئاساسلىق مەنزىرە قىلىنىدىغانلىرىمۇ ئاز ئەمەس، ئالايلۇق: بېيجىڭ جىڭسەن بېغىدىكى «ۋەنچۇن شىپاڭى» ۋە شۇ باغنىڭ شەرق ۋە غەرب تەرىپىدىكى «جۇشاڭ»، «گۇەنمياۋ»، «فۇلەن»، «جىفاڭ» قاتارلىق بەش شىپاڭ تاغ قاپتىلىغا قاتىرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىق مەنزىرە قىلىنغان، شۇنىڭدەك بۇمۇ بېيجىڭ شەھىرىدىمۇ بىر مۇھىم مەنزىرە ھېسابلىنىدۇ. بېيخەي بېغىدىكى «ۋۇلۇڭتىڭ (بەش ئەجدىھا) شىپاڭى»، يىخېيۈەن بېغىدىكى «جىچۇن شىپاڭى»، ئەنخۇي ئۆلكىسى چۇشيەن ناھىيىسىدىكى «زۇيۋېڭ شىپاڭى (مەيخور شىپاڭى)» ۋە خۇنەن چاڭسا شەھىرىدىكى «ئەيۋەن شىپاڭى» قاتارلىق شىپاڭلارمۇ ناھايىتى مەشھۇر شىپاڭلاردۇر.