سۈنئىي سۇ مەنزىرىسى
جۇڭگونىڭ باغ-ئورمانچىلىقى
سۈنئىي سۇ مەنزىرىسى باغچىلاردا كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان مەنزىرىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئاساسلىق فونتان، شارقىراتما، سۇ پەردىسى قاتارلىق شەكىللىرى بار.
سۈنئىي سۇ مەنزىرىسى ھازىرقى زاماندا پەيدا بولغان ئەمەس، قەدىمكى زاماندىلا ياۋروپالىقلار سۇ مەنزىرىسى ھاسىل قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن، مەسىلەن، قەدىمكى يۇنانلىقلار بۇلاق سۈيىگە ناھايىتى چوقۇنغان، قەدىمكى رىم شەھىرىدىلا1000 دىن ئارتۇق يەرگە سۈنئىي فونتان ياسالغان، شۇڭا، بۇ شەھەر بۇلاق شەھىرى دەپ تەرىپلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئىتالىيىنىڭ قاپتال باغچىسىدىكى سۈنئىي شارقىراتما، فرانسىيىنىڭ ۋېرسال سارىيى گۈللۈكىدىكى كۆلچەكلىك فونتانمۇ دۇنياغا داڭلىق.
ھازىرقى زامان باغ - ئورمانلىرىدا، شەكلى ۋە سۇ مىقدارى ھەر خىل بولغان سۈنئىي سۇ مەنزىرىسىنى لايىھىلىگىلى، جۈملىدىن خىلمۇخىل فونتان ۋە سۇ ھەيكەللىرىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. سۇ ئاستى چىرىغىنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن، ھازىر كېچىلىرى كۈندۈزدىكىدىنمۇ چىرايلىق ۋە رەڭدار سۇ مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدىغان بولدى. ھازىر سۇ مەنزىرىسىنى لايىھىلەشتە، كومپيۇتېر ئارقىلىق تىزگىنلەش سىستېمىسىنىڭ ياردىمىدە، سۇنىڭ شەكلىنى ۋە چىراغنىڭ رەڭلىرىنى مۇئەييەن تەرتىپ بويىچە ھەتتا مۇزىكىنىڭ رىتىمىغا ئەگەشتۈرۈپ ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان تېخنىكا بارلىققا كەلدى، بۇنداق مەنزىرە كىشىلەرگە چۈشتىكىدەك ئاجايىپ - غارايىپ بەدىئىي تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ.
فونتاننىڭ شەكلى ئۇنىڭ ئېغىزى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپتۈرمە فونتان ئېغىزى، تىك يۆنىلىشلىك فونتان ئېغىزى ۋە ئۆزگىچە فونتان ئېغىزى قاتارلىقلار كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ. بۇنداق فونتانلاردىن ئېتىلىپ چىققان سۇنىڭ بەزىلىرى تۈۋرۈككە، بەزىلىرى ھەشقىپىچەككە، بەزىلىرى مامكاپقا ئوخشايدۇ، يەنە بەزىلىرى بولسا ھاۋا بوشلۇقىدا تولغىنىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندەك شەكىل ھاسىل قىلىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ پورتلىنېد شەھىرىدىكى زالنىڭ ئالدى ھويلىسىدا ناھايىتى چوڭ بىر يۈرۈش سۇ مەنزىرىسى بار، بۇنى لايىھىلىگۈچى سەھنە سەنئىتىدىكى بەزى دېكوراتسىيە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، چوڭ سۈنئىي شارقىراتمىنى يادرو قىلىپ تۇرۇپ، دېكوراتسىيە، ياڭراتقۇ ۋە بۇ يەردە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئادەملەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تولىمۇ جانلىق بولغان بىر پۈتۈن مۇھىتنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ، ھازىرقى زامان سۈنئىي سۇ مەنزىرىسى ئىجادىيىتىدىكى ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
فونتان قاتارلىق سۈنئىي سۇ مەنزىرىسى كۆپىنچە ھاللاردا يەنە ھەيكەللەر بىلەن ناھايىتى ئەپچىل بىرلەشتۈرۈلىدۇ. مەسىلەن، سابىق فېدېراتىپ گېرمانىيىدىكى گېرسون كىسىنگ ئۇنىۋېرسال مەكتىپىدىكى بىر يۈرۈش سۇ مەنزىرىسىدە، سۇ داتلاشماس پولاتتىن ياسالغان جاھازىدىكى تۇرۇبىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، كۇب شەكىللىك رەڭلىك ئەينەككە ئۇرۇلۇپ، ئۇنى چۆرگىلىتىدۇ، بۇ مەنزىرە ئادەمگە تولىمۇ قىزىقارلىق تۇيۇلىدۇ.