UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ باغ ئورمانچىلىقىئورمانچىلىقى

ئورمانچىلىقى

جۇڭگونىڭ باغ-ئورمانچىلىقى جۇڭگو باغ - ئورمانچىلىق سەنئىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسى «ئادەم ياسىغان بولسىمۇ، لېكىن تەبىئىي يارالغاندەك بولۇش» تىن ئىبارەت، بۇنىڭدا تەبىئىي بولۇش، تەبىئىي يارالغاندەك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. سۈنئىي ئۇسۇلدا پالتا، ئىسكىنە بىلەن ياسالغاندەك ئىز - داغلار قالدۇرۇلمايدۇ. ئۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىك شۇكى، ھەممە تەبىئىي گۈزەللىك قانۇنىيىتى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، شۇڭا غەربنىڭ ھەممە باغنى گېئومېتىرىيە پرىنسىپى بويىچە بىنا قىلىشىغا ئوخشىمايدۇ. باغ - ئورمان بىنا قىلىش ئىمارەت سېلىشتىن ئايرىلالمايدۇ، ئىمارەتنىڭ شەرق - غەرب باغ - ئورمانچىلىقىدىكى رولىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. غەربنىڭ قەدىمكى باغ - ئورمانلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا، ئىمارەت ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، باغ - ئورمان ئىمارەتنىڭ داۋامىدىنلا ئىبارەت بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باغ - ئورمان ئىمارەتكە بويسۇندۇرۇلۇپ، باغ - ئورمان «ئىمارەتلەشتۈرۈلىدۇ». شۇڭا، ئىمارەتلەر يېگانە بولۇپ، باغ - ئورمان بىلەن گىرەلەشتۈرۈلمىگەن. ئەمما، جۇڭگودا باغ - ئورمان ئىمارەتكە قوماندانلىق قىلىدۇ، تاغ - تاشلاردىن ئۆتۈپ ئېقىپ تۇرىدىغان سۇلار، گۈل - گىياھلار، دەل - دەرەخلەر ئىمارەتلەرگە سىڭدۈرۈلۈپ، ئىمارەتلەر «باغ - ئورمانلىشىش» قا مەجبۇر قىلىنىدۇ. ئىمارەتنىڭ يەرنىڭ ئېگىز - پەسلىكىگە قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، تاغ شەكلىگە قاراپ سېلىنىشى، تەبىئىي، ئازادە، ئوچۇق بولۇشى تەلەپ قىلىنىپ، ئىمارەتنىڭ ئۆزى تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇلىدۇ. جۇڭگونىڭ قەدىمكى باغ - ئورمانلىرى خانلىق باغ - ئورمانلىقى (چارۋاغ)، خۇسۇسىي باغلار، ئىبادەتخانىلار، مەنزىرە باغ - ئورمانلىرى دېگەنگە ئوخشاش ئاساسلىق تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. تەبىئىي بولۇش ۋە سۈنئىي ئۇسۇل بىلەن بىنا قىلىش مۇناسىۋىتى بويىچە ئايرىغاندا، مۇنداق ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: بىرىنچى تۈردىكىلىرىدە، بىرقەدەر كەڭ تەبىئىي مۇھىتقا ئاز ساندا سۈنئىي ئىمارەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؛ ئىككىنچى تۈردىكىلىرىدە، سۈنئىي يول بىلەن سېلىنغان ئىمارەتلەرنىڭ مۇھىتىغا تاغ، سۇ كۆلچىكى، گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخقە ئوخشاش تەبىئىي مەنزىرىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئادەتتىكى مەنزىرە باغ - ئورمانلىرى ئالدىنقى تۈرگە، شەھەر باغ - ئورمانلىرى كېيىنكى تۈرگە كىرىدۇ. خانلىق باغ - ئورمانلىرىدا، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، تەبىئىي مەنزىرىلەر ئىچىگە بالىخانىلىق بىنالار، سارايلار، شىپاڭلار ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئەمما «باغ ئىچىدىكى باغ» دەپ ئاتىلىدىغان بەزى قىسمەن باغلار ئىمارەتلەر مۇھىتىدىكى مەنزىرىلەر ھېسابلىنىدۇ. بېيجىڭدىكى يىخېيۈەن باغچىسى، بېيخەي باغچىسى، چېڭدېدىكى بىشۇ شەنجۇاڭ (ئىسسىقتىن پاناھلىنىدىغان تاغ ئارامگاھى) قاتارلىقلار تىپىك خانلىق باغ ئورمىنى ھېسابلىنىدۇ. خانلىق باغ كۆلىمى ناھايىتى زور بولۇش، ئىمارەتلەر ھەشەمەتلىك ۋە قاتمۇقات بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. خۇسۇسىي باغلاردىن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكىلىرى ئىنتايىن چىرايلىق، مەسىلەن، سۇجۇدىكى جوجېڭيۈەن باغچىسى، ليۇيۈەن باغچىسى، ۋۇشىدىكى جىچاڭ باغچىسى، شاڭخەيدىكى يۈييۈەن باغچىسى قاتارلىقلار. بۇنداق باغلار كىچىك، ئەپچىل بولۇش، ياسىداق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئىبادەتخانىلارنىڭ مەنزىرە باغ - ئورمانلىرى ھەممە جايدىن تېپىلىدۇ. مەسىلەن، ۋۇتەيشەن تېغى، ئېمېيشەن تېغى، پۇتوشەن تېغى، جيۇخۇاشەن تېغى قاتارلىق بۇددا ئىبادەتخانىسى بار تۆت چوڭ تاغ، «سۈزۈك سۇلار تاغدىن خۇددى لېنتا ساڭگىلاتقاندەك شارقىراپ پەسكە ئېقىپ تۇرغان، تاغلار خۇددى زۇمرەت قاشتېشىغا ئوخشايدىغان» گۇيلىن مەنزىرە رايونى، «يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيگەن، ئوخشىتىپ پەرداز قىلغان» دەك شىخۇ كۆلى مەنزىرە رايونى قاتارلىقلار. بۇ تاغ - ئورمانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاددىي، ئىخچام، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە. جۇڭگودا ئەزەلدىن قەدىمكى زامان باغ ئورمانلىرىنى نوقۇل توپا - تاش قۇرۇلۇشى دەپ ئەمەس، بەلكى بىر كۇپلېت شېئىر ياكى بىر پارچە رەسىم دەپ قارالغان. ئۇنىڭدا شېئىر، رەسىم سەنئىتى باغ - ئورمان بىلەن بىر گەۋدە قىلىپ يۇغۇرۇۋېتىلگەن. مەسىلەن، باغ - ئورمانلىق قۇرۇلۇشلاردىكى ۋىۋىسكىلار، بېيىت تاختىلىرى، رەسىم سىزىلغان لىملار، نەقىشلەنگەن لىم - تۈۋرۈك قاتارلىقلار. شېئىر، رەسىم ئەسەرلىرى ۋە باغ - ئورمانلاردا تەبىئەتنىڭ ئۆزىنىڭ شەكىل گۈزەللىكى مەدھىيىلىنىپلا قالماي، بەلكى يەنە تەبىئەتنىڭ ئىچكى گۈزەللىكىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، تەبىئەت »ئادەملەشتۈرۈلۈپ«، ئارچا، قارىغاي ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە، نېلۇپەر گۈلى پاكلىققا، بامبۇك كەمتەرلىككە، قىيا تاشلار (گرانت تاشلار) جەسۇرلۇق، سادىقلىققا ... تەمسىل قىلىنغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ ھېسسىياتى بىلەن باغلانغان. شۇڭلاشقا بامبۇك، گۈل - گىياھلارنىڭ كۆلەڭگىسى، شامال ۋە يامغۇرنىڭ شاۋقۇنلىرى، كۈن ۋە ئاينىڭ نۇرى، چاي بىلەن گۈللەرنىڭ خۇش پۇرىقى قاتارلىقلار كىشىلەردە ھېسسىيات ۋە مول تەسەۋۋۇرلارنى ئويغىتىپ، جۇڭگونىڭ كلاسسىك باغ - ئورمان سەنئىتىنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرگەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ باغ ئورمانچىلىقى
ئورمانچىلىقى | UyghurWiki | UyghurWiki