تاغ - تاشلار پەيدا قىلىدىغان ھېسسىيات
جۇڭگونىڭ باغ-ئورمانچىلىقى
جۇڭگو باغ - ئورمانچىلىقىدا دائىم نۇرغۇن غەلىتە شەكىلدىكى تاشلارنى كۆرىمىز، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىر يەرگە دۆۋىلەپ قويۇلغان، بەزىلىرى ئايرىم قويۇپ قويۇلغان. دېمەك، «تاش يوق باغ بولماسلىق» دەرىجىسىگە يېتەي دەپ قالغان. بۇ جۇڭگونىڭ قەدىمدىن تارتىپ «تاشقا ئاشىق بولۇش» ئەنئەنىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سۇجۇدىكى ليۇيۈەن بېغىدا بىر قورۇغا «يىفېڭشۇەن» دەپ نام بېرىلگەن، بۇ تاشقا چوقۇنۇش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
تاشقا ئاشىق بولۇش تاغقا ئاشىق بولۇشتىن كەلگەن. كۇڭزى: «شاپائەتلىكلەر تاغدىن خۇشال بولۇر» دېگەنىكەن، تاش − «تاغنىڭ ئۇستىخىنىدۇر». باغ بىنا قىلىنغان كىچىك ماكاندا تاغنى قايتىدىن پۈتۈن پېتى ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەس، تاشتىن تاغ، يانتۇلۇق ھاسىل قىلىنسا، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا پۈتۈن تاغنى كەلتۈرىدۇ، بۇ كىچىك تاغ قىزىقارلىق مەنزىرە پەيدا قىلالايدۇ. بەزى چاغلاردا باغلارنىڭ كىچىكلىكىدىن تاغ يانتۇلۇق بەرپا قىلغۇدەك جايمۇ چىقمايدۇ، بۇنداق چاغلاردا تاغنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە بىرقانچە پارچە تاش تىزىپ قويۇلىدۇ، نەتىجىدە، بۇ تاش تاغدەك كۆرۈنىدۇ.
تاغ تاشلار باغلاردا مۇھىم مەنزىرە ھېسابلىنىدۇ. سۇجۇ خۇەنشيۇ تاغ داچىسىدىكى تاش تاغ، ۋۇشى جىچاڭ بېغىدىكى سەككىز ئاۋازلىق جىلغا، ياڭجۇ گېيۈەن بېغىدىكى تۆت پەسىللىك يالغان تاغ، بېيجىڭ جۇڭنەنخەي چارۋېغىدىكى تىنچ جىلغا قاتارلىقلار قەدىمكىلەر قالدۇرۇپ كەتكەن تاشتىن ياسالغان مەشھۇر تاغلاردۇر. شاڭخەي يۈييۈەن بېغىدىكى «يۈيلىڭلۇڭ» تېغى، سۇجۇ ليۇيۈەن بېغىدىكى «گۇەنيۈنفېڭ» چوققىسى، خاڭجۇ خۇا پۇ (گۈلزارلىق) بېغىدىكى «جۇيۈنفېڭ» چوققىسى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى مەشھۇر ئۈچ تاغ. ئۇنىڭدىن باشقا، بېيجىڭ يىخېيۈەن باغچىسىدىكى «چىڭجىشيۇ» غارى، گۇاڭجۇ جيۇياۋيۈەن باغچىسىدىكى «جيۇياۋشى» تېشى، نەنجىڭ جەنيۈەن بېغىدىكى «شيەنرېنفېڭ» چوققىسى قاتارلىقلار قەدىمكى زاماندىكى مەشھۇر تاشلار ھېسابلىنىدۇ.