ئۆسۈملۈك باغچىسى
جۇڭگونىڭ باغ-ئورمانچىلىقى
ئۆسۈملۈك باغچىلىرىدا باغچىلارنىڭ گۈزەل تاشقى قىياپىتى بىلەن قاتتىق بولغان ئىلمىي مەزمۇن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنداق باغچىلار ئارقىلىق ھەم ئۆسۈملۈكلەرگە دائىر بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرغىلى، كىشىلەرنى سەيلە - ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى، ھەم ئۆسۈملۈك تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغىلى بولىدۇ.
كۆپ ساندىكى ئۆسۈملۈك باغچىلىرىدا ئۆسۈملۈكلەر رايونلارغا ئايرىلغان ياكى بولمىسا دەل - دەرەخ باغچىسى، ئەۋرىشكە سارىيى، كۇتۇپخانا، تەجرىبىخانا، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى دېگەندەك مۇناسىپ يانداشما ئەسلىھەلەر تەسىس قىلىنغان. ئۆسۈملۈك باغچىلىرىدا نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر ئۆسۈملۈك ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۆسۈملۈكلەرنى تۈرگە ئايرىش، يېتىشتۈرۈش ۋە سورتلارنى كىرگۈزۈپ ئەي قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، خەلقئارالىق ئىلىم ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىدۇ، ئۆسۈملۈك ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
دۇنيادىكى ئۆسۈملۈك باغچىلىرى1000 دىن ئاشىدۇ. جۇڭگودا20 دىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تارىخى بىرقەدەر ئۇزۇن بولغىنى نەنجىڭدىكى جۇڭشەن ئۆسۈملۈك باغچىسى بىلەن جياڭشىدىكى لۇشەن ئۆسۈملۈك باغچىسىدۇر. بۇنىڭدىن باشقا بېيجىڭ ئۆسۈملۈك باغچىسى، گۇاڭجۇدىكى خۇانەن ئۆسۈملۈك باغچىسى، خاڭجۇ ئۆسۈملۈك باغچىسى، كۇنمىڭ ئۆسۈملۈك باغچىسى، شاڭخەي ئۆسۈملۈك باغچىسى، ۋۇخەن ئۆسۈملۈك باغچىسى، شىئەن ئۆسۈملۈك باغچىسى ۋە شىشۇاڭبەننا ئىسسىق بەلۋاغ ئۆسۈملۈك باغچىسى قاتارلىقلارمۇ ناھايىتى داڭلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزگىچىلىكى بار.
دۇنياغا داڭلىق ئەنگلىيە خان جەمەتى ئۆسۈملۈك باغچىسى1759 - يىلى قۇرۇلغان، كۆلىمى1800 مودىن ئاشىدۇ، باغچىدا4 مىليون پارچە قاتۇرۇلغان ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىسى ۋە45 مىڭ خىل ئۆسۈملۈك بار، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگودىن كىرگۈزۈلگەنلىرىمۇ خېلى كۆپ، ئۇ دۇنيا جامائەتچىلىكى ئېتىراپ قىلغان ئەڭ گۈزەل، مۇكەممەل ئۆسۈملۈك باغچىسىدۇر.
ئامېرىكىنىڭ ئانورد دەل - دەرەخ باغچىسى بىلەن ۋاشىنگتون دەل - دەرەخ باغچىسى، روسىيىدىكى موسكۋا ئۆسۈملۈك باغچىسى، كانادادىكى مونترېئال ئۆسۈملۈك باغچىسى قاتارلىقلارمۇ خەلقئارادا تەسىرى بار باغچىلاردۇر.