جوجېڭيۈەن ۋە جىچاڭيۈەن باغچىسى
جۇڭگونىڭ باغ-ئورمانچىلىقى
سۇجۇدىكى جوجېڭيۈەن باغچىسى ۋە ۋۇشىدىكى جىچاڭيۈەن باغچىسى جۇڭگونىڭ جياڭنەنى (چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى) دىكى خۇسۇسىي باغ - ئورمانلارنىڭ ۋەكىلى.
جوجېڭيۈەن بېغى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرى ياسالغان، كېيىنچە قولدىن قولغا ئۆتۈش جەريانىدا گۈللەنگەن ۋە خازان بولغان چاغلىرى بولغان، ھازىرقى ھالىتى كۆپ قېتىملىق قايتا ئۆزگەرتىپ ياسالغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. جوجېڭيۈەن باغچىسىدا سۇ مەنزىرىسى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، باغچىدىكى شىپاڭلار، سۇپا - تەكچىلەر، كارىدورلار ۋە سۇپا ئۈستىگە سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسى سۇغا يانداش ياكى سۇ ئۈستىدە. كۆلدە نېلۇپەر گۈلى ئۆستۈرۈلگەن بولغاچقا، بۇ جايدىكى شىپاڭغا «نېلۇپەرلىك» دەپ نام بېرىلگەن. باغدىكى ئاساسلىق تاغ شىمالدا، تاغقا «شۆشياڭ يۈنۋېي شىپاڭى» سېلىنغان؛ ئاساسلىق زال − «يۈەنشياڭتاڭ» جەنۇبتا بولۇپ، ئاساسلىق تاغ شىپاڭى بىلەن كۆل ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. باغچىدا يەنە ئىنتايىن نەپىس لايىھىلىنىپ چىرايلىق ياسالغان «شياۋساڭلاڭ، پىبايۈەن» قاتارلىق كىچىك مەنزىرە رايونلىرى بار. جوجېڭيۈەن باغچىسىنىڭ تاغلىرى ياپيېشىل، سۇلىرى زۇمرەتتەك، شىپاڭ، زال ۋە ئۆيلىرى ئاجايىپ چىرايلىق.
جىچاڭيۈەن بېغىمۇ مىڭ سۇلالىسىدىن قالغان مەشھۇر باغ بولۇپ، ۋۇشىدىكى شىشەن تېغى بىلەن خۇيشەن تېغىنىڭ ئارىلىقىدا، جىچاڭيۈەن باغچىسىنىڭ ياسىلىشىدىكى سەنئەت ئۇسلۇبى، شۇنىڭدەك باغ ياساش ئۇسۇلى ئاۋات بازاردىكى جوجېڭيۈەن باغچىسىنىڭكىگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. جىچاڭيۈەن باغچىسىنىڭ يەر مەيدانى پەقەت1 گېكتار بولۇپ، جوجېڭيۈەن باغچىسىنىڭ تۆتتىن بىرىچىلىك كېلىدۇ، شۇڭا، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئىنتايىن ئىخچام، ئۆيلىرىمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس. ئەمما، ئۇستىكارلار ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن لايىھىلەپ، باغ سىرتىدىكى شىشەن تېغى بىلەن خۇيشەن تېغىنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىنى باغ بىلەن بىر گەۋدە قىلىپ، مۇكەممەل بىر پۈتۈن مەنزىرە ھاسىل قىلغان، قارىغان ئادەمگە ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان بىر خىل ئازادىلىك تۇيغۇسى بېرىش مەقسىتىگە يەتكەن. جىچاڭيۈەن باغچىسىدىكى سۈنئىي تاغلار ئۇستىلىق بىلەن ئاجايىپ ئۆزگىچە ياسالغان بولۇپ، تەبىئىي تاغ بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن.
جىچاڭيۈەن باغچىسى قۇرۇلۇشىدا يەنە تام سىرتىدىكى ئىككى بۇلاقنىڭ يوشۇرۇن ئېقىنىدىن ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، قىزىقارلىق سۇ مەنزىرىلىرى ھاسىل قىلىنغان. گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ كۆرۈنمەي، گاھىدا ئاستا، گاھىدا تېز ئېقىۋاتقان بۇلاق سۈيىنىڭ يېقىملىق شىلدىرلاشلىرى تاغ - تاشلار ئارىسىدا يارقىن ئەكس سادا ھاسىل قىلىپ، كىشىگە ئاجايىپ گۈزەل سىرلىق تۇيغۇ بەخش ئېتىدۇ. شۇڭا، بۇ باغچە تارىختىن بۇيان باغ - ئورمانچىلىقتىكى تاغ - سۇ مەنزىرىسى ھۈنىرىنىڭ نەمۇنىسى بولۇپ كەلگەن.