UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ باغ ئورمانچىلىقىئۆگزە گۈللۈكى ۋە ئۆي گۈللۈكى

ئۆگزە گۈللۈكى ۋە ئۆي گۈللۈكى

جۇڭگونىڭ باغ-ئورمانچىلىقى ئۆگزە گۈللۈكى بىلەن ئۆي گۈللۈكى ئىمارەتلەرنىڭ مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاپ، ئىمارەتلەرنىڭ بەدىئىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ. ئۆگزە گۈللۈكى ئىمارەتلەرگە ئۆزگىچە ھۆسن قوشىدۇ ھەمدە كىشىگە بىر خىل ئازادە تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۆي ئىچىگە كەلسەك، ھەر قانچە ھەشەمەتلىك بېزەك ۋە ئۆي جاھازلىرىمۇ كىشىگە بىرقانچە تاشتەك تەبىئىي، چىرايلىق گۈلچىلىك ھۇزۇر ئاتا قىلالمايدۇ. گۇاڭجۇدىكى ئاق قۇ مېھمانخانىسىنىڭ زالىدا ناھايىتى چىرايلىق ئۆي ئىچى گۈللۈكى بار. بۇ گۈللۈكتىكى ئاساسلىق مەنزىرە كىچىك سۈنئىي تاغ بولۇپ، تاغدا كىچىك شىپاڭ، تاغ ئىچىدە شارقىراتما، تاغنىڭ تۆۋىنىدە كۆلچەك بار. شارقىراتمىنىڭ سۈيى كۆلگە قۇيۇلىدۇ، كۆلنىڭ سۈيى ئېقىپ شارقىراتمىنىڭ بېشىغا بارىدۇ. تاغقا «يۇرتنىڭ سۈيى» دېگەن خەت كۆزگە چېلىققۇدەك قىلىپ ئويۇلغان بولۇپ، چەت ئەلدىن كەلگەن جۇڭگولۇقلارغا تولىمۇ يېقىملىق تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ. گۈللۈكنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى چىغىر يولدا تۇرۇپ ئۇنىڭ مەنزىرىسىنى تولۇق تاماشا قىلغىلى بولىدۇ. كانادانىڭ ۋانكۇۋېر شەھىرىدىكى شتاتلىق ھۆكۈمەت بىناسى بىلەن سوت بىناسىدا ئۆگزە گۈللۈكى پۈتكۈل شەھەرنىڭ مۇھىتى بىلەن ناھايىتى ياخشى بىرلەشتۈرۈلگەن. بۇ ئىككى بىنانىڭ ئاستى قەۋەتلىرىنىڭ ئۆگزىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك گىرەلىشىپ كەتكەن كۆلچەك، شارقىراتما ۋە گۈلزارلىقتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، كىشىلەر پائالىيەت قىلىدىغان شەھەر باغچىسىغا ئوخشايدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ باغ ئورمانچىلىقى
ئۆگزە گۈللۈكى ۋە ئۆي گۈللۈكى | UyghurWiki | UyghurWiki