قىزىقارلىق كارىدور، كۆۋرۈك مەنزىرىلىرى
جۇڭگونىڭ باغ-ئورمانچىلىقى
كارىدورلار ئىمارەتلەرنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدۇ، كۆۋرۈكلەر سۇلۇقلارنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى باغ يوللىرىنى تۇتاشتۇرىدۇ، بۇ جۇڭگو باغ - ئورمان قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئامىل. كارىدور ۋە كۆۋرۈك، باغ مەنزىرىلىرىنىڭ قاتلاملىرى ۋە مەنزىرىلەرنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى بېيىتىشتا ئالاھىدە رول ئوينايدۇ.
باغلاردىكى كارىدورلار ھەر خىل - ھەر ياڭزا بولىدۇ، تۈزمۇ بولىدۇ، ئەگرىمۇ بولىدۇ؛ كارىدورلارنىڭ بەزىلىرى تاغنىڭ يەر شەكلىگە قاراپ ئېگىزگە چىقىرىلغانلىرىمۇ بولىدۇ، قاتمۇقات پەسكە چۈشىدىغانلىرىمۇ، ئېرىق - ئۆستەڭلەر ئۈستىدىن، كۆۋرۈكلەردىن ئۆتىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ؛ تاق كارىدورلارمۇ، قوش كارىدورلارمۇ بولىدۇ، تاملارغا تاشلاردىن ئويۇلغان ئابىدىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان كارىدورلارمۇ بولىدۇ ۋەھاكازالار. يىخېيۈەن بېغىدىكى ئۇزۇن كارىدورنىڭ ئۇزۇنلۇقى700 مېتىردىن ئاشىدۇ، كارىدوردا ئۇستىلىق بىلەن سىزىلغان رەڭلىك رەسىملەر بار، كىشىلەر ئۇزۇن كارىدوردا ئىككى تەرەپتىكى كۆل - تاغ مەنزىرىلىرىنى تاماشا قىلىپلا قالماي، يەنە رەسىملەردىكى نۇرغۇن ھېكايىلەرنىمۇ تاماشا قىلىپ باھا بېرىشىدۇ.
باغلاردىكى كۆۋرۈكلەرنىڭ شەكلى ھەر خىل بولۇپ، تاش كۆۋرۈك، ياغاچ كۆۋرۈك، بامبۇك كۆۋرۈك، تۈز كۆۋرۈك، ئەگمە كۆۋرۈك، ئەگرى كۆۋرۈك دېگەنلەرگە بۆلۈنىدۇ. يەنە ئۈستىگە ئۆي سېلىنغان شىپاڭلىق كۆۋرۈك، كارىدورلۇق كۆۋرۈك دېگەنگە ئوخشاش كۆۋرۈكلەرمۇ بار. بەزى كۆۋرۈكلەر ناھايىتى ئاددىي، بېزەكسىز؛ بەزى كۆۋرۈكلەر ناھايىتى نەپىس كېلىدۇ، ئەمما ئۇلار شۇ جاينىڭ مۇھىت - شارائىتىغا ماس كەلتۈرۈلگەن بولۇشى كېرەك. يىخېيۈەن بېغىدىكى غەربىي دامبىغا سېلىنغان ئالتە كۆۋرۈك ئىچىدە يۈيدەيچياۋ كۆۋرۈكى ناھايىتى كۆركەم سېلىنغان ئەگمە كۆۋرۈك، قالغانلىرى شىپاڭلىق كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ. شىپاڭلىق كۆۋرۈكلەردىن ياڭجۇ شەھىرى سۇشىخۇ كۆلىدىكى بەش شىپاڭلىق كۆۋرۈك ئۆزگىچە كۆۋرۈك سانىلىدۇ. باغ كۆۋرۈكلىرى ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇن كۆۋرۈك يىخېيۈەن بېغىدىكى17 تۆشۈكلۈك كۆۋرۈك بولۇشى مۇمكىن. سۇجۇدىكى قەدىمىي باغلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئەپچىل ئەگرى كۆۋرۈكلەر ۋە تاش تاختا كۆۋرۈكلەر سېلىنغان. بەزى كىچىك تاش كۆۋرۈكلەرنىڭ كەڭلىكى ئاران بىر چامداملا كېلىدۇ، ئۆزگىچە خۇسۇسىيەتكە ئىگە.