UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ باغ ئورمانچىلىقىيەنجىڭدىكى سەككىز مەنزىرە ۋە يازلىق ئارامگاھ

يەنجىڭدىكى سەككىز مەنزىرە ۋە يازلىق ئارامگاھ

جۇڭگونىڭ باغ-ئورمانچىلىقى جۇڭگولۇقلار يۇرتىنى، باغ - ئورمانلارنى ۋە مەشھۇر جايلار ئارىسىدىكى ئىپتىخارلانغۇدەك جايلارنى مەنزىرە دەپ تەرىپلەشكە ئامراق. مەسىلەن، شىخۇ كۆلىدىكى10 مەنزىرە، ئېمېي تېغىدىكى10 مەنزىرە، جىنسى ئىبادەتخانىسىدىكى16 مەنزىرە، كۇنمىڭدىكى سەككىز مەنزىرە دېگەندەكلەر. بېيجىڭ جۇڭگودىكى ئالتە چوڭ قەدىمىي پايتەختنىڭ بىرى، بۇنىڭدىن نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرى جىن سۇلالىسى بۇ جايدا پايتەخت قۇرغاندىلا «يەنجىڭدىكى سەككىز مەنزىرە» دېگەن گەپلەر بولغانىكەن. بۇ سەككىز مەنزىرە «جۈييۇڭ ديېسۇي، يۈيچۈەن چۇيخۇڭ، تەييې چيۇفېڭ، چيۇڭداۋ چۇنيىن، جىمېن فېييۈي، شىشەن جىشۆ، لۇگو شاۋيۆ» ۋە «جىنتەي شىجاۋ» دىن ئىبارەت. كېيىنچە، مىڭ سۇلالىسىدىكىلەر «جىمېن فېييۈي» نى «جىمېن يەنشۇ» غا ئۆزگەرتكەن؛ چىڭ سۇلالىسىگە كەلگەندە «يۈيچۈەن چۇيخۇڭ»، «يۈيچۈەن باۋتۇ» غا، «شىشەن جىشۆ»، «شىشەن چىڭشۆ» گە ئۆزگەرتىلگەن ھەمدە چيەنلۇڭ خان بۇ مەنزىرىلەرنىڭ ئىسمىنى يېزىپ بەرگەن، ئەسلىي پوچېركا بويىچە ئويۇلغان بۇ ئابىدىلەر ھېلىمۇ ساقلانماقتا. بۇ سەككىز مەنزىرىگە پوئېزىيىلىك مەزمۇنلار سىڭدۈرۈلگەن، بۇ، كىشىلەرگە يەر نامىنى بىلدۈرۈپلا قالماي، يەنە بۇ مەنزىرىلەرنى سەيلە قىلىپ ھۇزۇرلىنىشتىكى ئەڭ ياخشى، مۇۋاپىق پەسىلنىمۇ بىلدۈرىدۇ. بۇ سەككىز مەنزىرىدىكى «جىنتەي شىجاۋ» مەنزىرىسى يوقىلىپ كەتكەندىن باشقا، قالغان يەتتە مەنزىرىنى ھېلىھەم پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. خېبېي ئۆلكىسى چېڭدې شەھىرىنىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپىغا1703 - يىلىدىن1790 - يىلىغىچە سېلىنغان يازلىق ئارامگاھ يۈەنمىڭيۈەن بېغى بىلەن تەڭ تىلغا ئېلىنىدىغان چوڭ تىپتىكى خانلىق باغ. باغدا كاڭشى خان ۋە چيەنلۇڭ خان رەسمىي نام بەرگەن «يۈنشەن شېڭدى، يۆسې جياڭشېڭ، نەنشەن جىشۆ» ... قاتارلىق72 مەنزىرە نۇقتىسى بار. يازلىق ئارامگاھنىڭ كۆلىمى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ،564 گېكتار كېلىدۇ، بېيجىڭدىكى يىخېيۈەن باغچىسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر، ئەتراپىدىكى تۇتاش كەتكەن قورۇق تېمىنىڭ ئۇزۇنلۇقىلا10 كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بۇ ئارامگاھ ئالدى ئوردا - ساراي ۋە ئارقا باغچىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپقان. ئوردا - ساراي رايونى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ۋە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان جاي بولۇپ، ئوردا - ساراي ئىمارەتلىرى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان بولسىمۇ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان باغ - ئورمان مۇھىتىغا ئىگە. مەسىلەن، ۋەلىدە خان تۇرىدىغان «سۇڭخېجەي» تۇرالغۇسى كۆلگە قارىتىپ سېلىنغان بولۇپ، تۇرالغۇ كەينى بۈك - باراقسان قارىغايزارلىق، قارىغاي سايىسىدا تۇرۇپ شىمالغا قارىغاندا كۆل ۋە تاغ مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ، شۇڭا، بۇ «ۋەنخې سۇڭفېڭ» دەپ ئاتىلىدىغان ئېسىل مەنزىرىلىك جاي. ئارامگاھنىڭ ئارقا باغچە رايونىدا تەبىئىي تاغ چوققىلىرى، جىلغا، تۈزلەڭلىك ۋە كۆللەر بار. بۇ يازلىق ئارامگاھنىڭ يەر شەكلى ئۆزگىرىشچان تەبىئىي جۇغراپىيىلىك ئەۋزەل ئورۇندا بولغاچقا، مول مەزمۇنلۇق ھەر خىل شەكىلدىكى مەنزىرە تۈسىنى نامايان قىلغان. مەسىلەن، كۆل رايونىدىكى ئۆيلەر، راۋاقلار، شىپاڭلارنىڭ كۆپىنچىسى كۆل بويىدا، بەزىلىرى كۆلدە، بەزىلىرى ھەم كۆل، ھەم كۆل بويىدا بولۇپ، ئاجايىپ چىرايلىق مەنزىرە كۆرۈنۈشلىرىنى ھاسىل قىلغان. كۆل ئارال، كۆۋرۈك، توسما قاتارلىقلار ئارقىلىق مەقسەتلىك بۆلۈۋېتىلگەن يەتتە ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش بىلەن چوڭ، كىچىك كۆللەر ئوخشاش بولمىغان سۇ يۈزىدە نېلۇپەر گۈلىگە تولغان، نېلۇپەرنىڭ خۇشبۇي ھىدى يىراق - يىراقلارغا تارقىلىدۇ؛ تۈزلەڭلىككىمۇ ھەر خىل دەل - دەرەخلەر تىكىلىپ، باغ ھۆسنى ھاسىل قىلىنغان، دەل - دەرەخلەر ئارىسىغا تېخى كىگىز ئۆيلەر تىكىلگەن، بۇ كۆرۈنۈش كىشىگە چەكسىز كەتكەن گۈزەل يايلاق مەنزىرىسىنى ئەسلىتىدۇ ۋە ئۆزگىچە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. باغنىڭ تاغلىرى بۈك - باراقسان قارىغايلىق، لىشۇ جىلغىسىغا ساپلا نەشپۈت دەرىخى تىكىلگەن بولۇپ، نەشپۈت چېچەكلىگەن مەزگىلدە ئادەم مەستخۇش بولغۇدەك ئاجايىپ چىرايلىق بولۇپ كېتىدۇ، يەنە بىر جىلغىنىڭ ئىككى يانباغرىغا ئىرەن دەرىخى تىكىلگەن. باغدىكى ئۆي - ئىمارەتلەردە ئېلىمىزنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى جايلارنىڭ تۈرلۈك بىناكارلىق ئۇسلۇبلىرى مۇجەسسەملەنگەن. يەنيۈيلۇ راۋىقى، جىنشەنتىڭ شىپاڭى قاتارلىق مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆي - ئىمارەتلەردىن يارقىن، كۆركەملىك، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا خاس لەززەت مەنزىرە ئەكس ئەتسە، ئۇدۇل ئوردا ۋە سۇڭخېجەي تۇرالغۇسى قاتارلىق ئۆي - ئىمارەتلەر توپىدىن شىمالنىڭ ئاددى - ساددا ئۆزگىچىلىكى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ باغ ئورمانچىلىقى
يەنجىڭدىكى سەككىز مەنزىرە ۋە يازلىق ئارامگاھ | UyghurWiki | UyghurWiki