UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ باغ ئورمانچىلىقىجۇڭگو باغ ئورمانچىلىقىنىڭ ئۈچ ئامىلى

جۇڭگو باغ ئورمانچىلىقىنىڭ ئۈچ ئامىلى

جۇڭگونىڭ باغ-ئورمانچىلىقى باغ - ئورمان ئىجادىيىتىدە تۇرمۇش گۈزەللىكى، تەبىئەت گۈزەللىكى ۋە بەدىئىي گۈزەللىكنى گەۋدىلەندۈرۈشكە پايدىلىق بولغانلىكى مەنزىرىلەر باغ بىنا قىلىشنىڭ ماددىي ئامىللىرى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، رەڭگارەڭ گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخلەر ۋە بېلىق، قۇرت - قوڭغۇزلار، ئۇچار قۇشلار، ياۋايى ھايۋانلار، ھەر خىل، ھەر رەڭدىكى ھەرىلەر، قىيا تاشلار ۋە ئېرىقلار، شارقىراتمىلار، كۆللەر، دېڭىزلار باغ مەنزىرىلىرى ۋە سەيلە - ساياھەت پائالىيەتلىرىگە ياردىمى تېگىدىغان توپا - تاش قۇرۇلۇشلىرى ۋەھاكازالار؛ باغ مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق تولۇن ئاي، ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياش (شەپەق)، كەچكى شەپەق، يامغۇر، شەبنەم قاتارلىق ھاۋا رايى، ھاۋا كىلىماتى ئامىللىرى ۋە باغ - ئورمان مەزمۇنى بىلەن شەكلىگە ماس كېلىدىغان خۇشخەت (ھۆسنخەت)، رەسىم، نەقىش، ھەيكەل قاتارلىق سەنئەت بۇيۇملىرىمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدۇر. كۆپلىگەن باغ بىنا قىلىش ئامىللىرى ئىچىدە تاغ، سۇ، يەر شەكلى، گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخ، باغ، يول ۋە ئۆي - ئىمارەت ئامىللىرى ئەڭ تۈپ ئامىللاردۇر. تاغ جۇڭگو باغ - ئورمانچىلىقىدا مەڭگۈلۈكنىڭ ۋە مۇقىملىقنىڭ سىمۋولى قىلىنىدۇ. چوڭ باغلاردىكى تاغ چوڭ بولىدۇ، ئاساسلىق تاغنىڭ كۆپىنچىسى توپا تاغ. تاغ تاشلىرى تاغنىڭ مۇھىم جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، «تاغ ئۇستىخېنى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ شەكلى راست تاغقا ئوخشاپ كېتىدۇ؛ كىچىك باغلاردىكى تاغ كىچىك بولىدۇ، ئۇنى تاغ تاشلىرىنى تىزىپ ياساپ، تەبىئىي تاغنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ، پۈتكۈل تاغ كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قوزغايدۇ. سۇ جۇڭگو باغ - ئورمانچىلىقىدا ئەقىل - پاراسەت ۋە پاكلىقنىڭ سىمۋولى قىلىنىدۇ. سۇ تاغدىكى بۇلاقلاردىن ئېقىپ چىقىپ، ئەگرى - بۈگرى ئېرىقلاردا ئېقىپ، ئاخىرىدا چوڭ كۆللەرگە قۇيۇلۇپ، باغدىكى ئاساسىي سۇلۇقنى ھاسىل قىلىدۇ. تاغ ۋە سۇ لايىھىلەش باغشۇناسلىقتا تاغ ۋە سۇلارنى تۈزەش دەپ ئاتىلىدۇ. گۈل - گىياھ جۇڭگو باغ - ئورمانچىلىقىدا مول ھاياتىي كۈچكە ئىگە، ئۇ گۈللەپ ياشناشقا سىمۋول قىلىنىدۇ. بەزى گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخلەرگە ئالاھىدە مەنىلەر بېرىلىدۇ، مەسىلەن، ئارچا جەسۇرلۇق، سەمىمىيلىك، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ، مېيلەن بامبۇكى پادىشاھ - خانلارنىڭ سالاھىيىتىنى بىلدۈرىدۇ ۋەھاكازالار. جۇڭگو باغ - ئورمانلىرىدا گۈل - گىياھلار، دەل - دەرەخلەرنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىمۇ تەبىئىي يوسۇندا بولىدۇ، شۇنىڭدەك كەيپىياتقىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخلەرنىڭ تۈرىمۇ يەر شەكلى، كۈننىڭ چۈشۈشى قاتارلىق تەبىئىي شارائىت ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش ئادىتىگە ئەھمىيەت بېرىش ئاساسىدا تاللىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قەدىمكى دەل - دەرەخلەر ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ساقلاپ قېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىپ، پۈتۈن باغدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تايانچىسى قىلىنىدۇ. جۇڭگو باغ - ئورمانلىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكى يەنە باغلاردىكى يوللارنىڭ «ئەگرى - بۈگرى، خىلۋەت» بولۇشىدا، ئىمارەتلەرنىڭ تەبىئىي ئامىللار ئىچىگە تارقاق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تەبىئىي مەنزىرە بىلەن گىرەلەشتۈرۈلۈشىدە ئىپادىلىنىدۇ. باغلاردىكى ئاساسلىق ئىمارەتلەر كۆپ ھاللاردا، ئاساسلىق تاغ، كۆلچەكلەرنىڭ قارشى تەرىپىگە سېلىنىدۇ، تەبىئىي مەنزىرە مەركەزلەشكەن جايدا، نۇقتىلىق مەنزىرە ياكى تاماشا قىلىدىغان مەنزىرە قىلىپ ئىمارەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئىمارەتلەر ۋە باغ يوللىرى باغلاردا يەنە بوشلۇقنى ئايرىپ تۇرۇش ھەم سەيلە قىلىدىغان يوللارنى تۇتاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، چىرايلىق ئىمارەتلەر باغلارنىڭ كۆزى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ باغ ئورمانچىلىقى
جۇڭگو باغ ئورمانچىلىقىنىڭ ئۈچ ئامىلى | UyghurWiki | UyghurWiki