يۈەنمىڭيۈەن بېغى
جۇڭگونىڭ باغ-ئورمانچىلىقى
ئەنگلىيە - فرانسىيە بىرلەشمە قوشۇنى1860 - يىلى بېيجىڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ جېنىنىڭ بارىچە تالان - تاراج قىلغاندىن كېيىن، بېيجىڭنىڭ غەربىگە مەركەزلەشكەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ خانلىق بېغىغا ئوت قويۇپ، باغ - ئورمان قۇرۇلۇشى بويىچە دۇنياغا مەشھۇر جاي − يۈەنمىڭيۈەن بېغىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتتى. بۇ جۇڭگونىڭ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ باغ - ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى مەڭگۈلۈك ئېچىنىشلىق ۋەقە ئىدى.
يۈەنمىڭيۈەن دېگەن نام يۈەنمىڭ، چاڭچۇن ۋە ۋەنچۇندىن ئىبارەت ئۈچ باغنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولغاچقا، يۈەنمىڭ سەنيۈەن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى5000 مودىن ئاشىدۇ،140 نەچچە مەنزىرە نۇقتىسى بار بولۇپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خانلىق باغلار ئارىسىدىكى مەزمۇنى ئەڭ مول، مەنزىرە نۇقتىلىرى ئەڭ كۆپ باغ ھېسابلىنىدۇ. كىشىلەر ھازىر ئۆز زامانىسىدىكى ئوردا رەسسامى شېنيۈەن قاتارلىقلار سىزىپ چىققان يۈەنمىڭيۈەن بېغىنىڭ40 پارچە مەنزىرە رەسىمىدىن يۈەنمىڭيۈەن بېغىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرۈۋالالايدۇ. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ۋېي جېڭدىن كېيىنكى خانلىرى زۆرۈر مۇراسىملارغا قاتنىشىش يۈزىسىدىن زىجىنچېڭ خان ئوردىسىغا بارغاندىن سىرت، ئادەتتە يۈەنمىڭيۈەن بېغىدىلا تۇرغان، بۇ يەردە ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، چەت ئەل ئەلچىلىرىنى قوبۇل قىلغان.
يۈەنمىڭيۈەن بېغىنى توپلام تىپىدىكى باغ دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭغا تۈرلۈك ئۇسلۇبتىكى ئوخشاشمىغان ئىقتىداردىكى كىچىك - كىچىك باغچىلار مۇجەسسەملەنگەن. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەشھۇر مەنزىرىلىك باغلاردىن ئۆرنەك ئېلىنغان ۋە تاللاپ تۇرۇپ قايتا ئىجاد قىلىنغان. چاڭچۇن باغچىسىدا يەنە تېخى ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى باغ ۋە سۈنئىي سۇ مەنزىرىسى بولۇپ، بىر كۆرگەن كىشىدە ئالەمدىكى بارچە گۈزەللىك مۇشۇ باغچىغا مۇجەسسەملەنگەندەك تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ. شۇ زامانلاردا يۈەنمىڭيۈەن بېغىغا كىرىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان چەت ئەللىكلەردىن ھەيران قالمىغىنى، «تۈمەنلىگەن باغلارنىڭ سەردارى ئىكەن» دەپ تەرىپلىمىگىنى بولمىغان.
يۈەنمىڭيۈەن بېغىدا كۆل قېزىشتىن چىققان توپىدىن ياسالغان تاغدا بەش چوڭ مەنزىرە رايونى شەكىللەنگەن. بىرى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئاساس قىلىنغان مەمۇرىي رايون. بۇ رايونغا ھەيۋەتلىك جېڭداگۇاڭمىڭ (ھەققانىيەتچىلىك) سارىيى، چىنجېڭچىنشيەن (تىرىشچان، ئاقىلخۇمارلار) سارىيى، باۋخې تەيخې سارىيى سېلىنغان. يەنە بىرى، خان ئوردىسى ئەزالىرى يېتىپ - قوپىدىغان، زىياپەت ئۇيۇشتۇرىدىغان، سەيلە - ساياھەت قىلىپ كۆڭۈل ئاچىدىغان ئارقا باغ رايونى. بۇ رايونغا «جيۇجۇچىڭيەن، شېندېتاڭ، لۇيۆ كەييۈن، تيەنرەن تۇخۇا، بىتۇڭ شۇيۈەن، شىڭخۇا چۈنگۇەن، چۈييۈەن فېڭخې، سىيى شۇۋۇ» قاتارلىق ساراي ۋە ئۆيلەر سېلىنغان. ئۈچىنچىسى، دىنىي پائالىيەت رايونى. بۇ رايونغا «شىفېڭ شيۇسې، تۇڭلېيۈەن، تيەنشېنتەي، ۋېنيۈەنگې، ۋۇلىڭ چۇنسې، خۇيفاڭ شۇيۈەن» دېگەندەك ئورۇنلار سېلىنغان. تۆتىنچىسى، كۆڭۈل ئېچىش رايونى ياكى فۇخەي كۆلى مەنزىرە رايونى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ رايوندىكى كۆلنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا «فېڭداۋ ياۋتەي» دەپ ئاتىلىدىغان تەكچە، كۆلنىڭ تۆت ئەتراپىدا بولسا «خۇشەن زەيۋاڭ، يىبى ۋەنچىڭ، بيېيۇ دۇڭتيەن،جيېشۇ شەنجۇاڭ، فاڭخۇ شېڭجىڭ» دەپ ئاتىلىدىغان ئورۇنلار بار. بەشىنچىسى، سەھرا مەنزىرىسىگە تەقلىد قىلىپ ياسالغان مەنزىرە رايونى. بۇ رايونغا «تيەنيۈي كۇڭمىڭ، روفەن جىگې، زىيۈن شەنفاڭ، يۈييۆ يۈەنفېي، گۇەندىمياۋ، كېنۇڭشۈەن» دېگەن مەنزىرە نۇقتىلىرى تەسىس قىلىنغان. ئۇلاردىن باشقا چاڭچۇنيۈەن بېغى ۋە جىچۇنيۈەن بېغىدا غايىبانە مەنزىرە شەكلىدىكى «خەييۆ كەيجىن» دەپ ئاتىلىدىغان ياۋروپا نۇسخىسىدىكى ئەجنەبىيلەر بىناسى، شۇنىڭدەك ئادەمگە ناھايىتى سىپايە تۇيغۇ بەخش ئېتىدىغان يارقىن، تيەندى يىجياچۇن (جاھاندا بىر) دەپ ئاتىلىدىغان مەنزىرە نۇقتىلىرى بار.