UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ باغ ئورمانچىلىقىئۇنىۋېرسال باغچىلار

ئۇنىۋېرسال باغچىلار

جۇڭگونىڭ باغ-ئورمانچىلىقى زامانىۋى باغچىلار ئىلگىرىكى ئاز سانلىق كىشىلەر ئۈچۈنلا مۇلازىمەت قىلىدىغان شەخسىي باغچە ۋە ئوردا باغچىلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئاممىغا داغدام ئېچىۋېتىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بالىلارنىڭ ئوينىشى ئۈچۈن مەخسۇس سېلىنغان بالىلار باغچىلىرى؛ تەنھەرىكەت مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن سېلىنغان تەنتەربىيە باغچىلىرى؛ مەخسۇس شەخسلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن سېلىنغان خاتىرىلەش تىپىدىكى باغچىلار؛ ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەسلەش ئۈچۈن سېلىنغان ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى؛ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ياكى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە كۆرگەزمە قىلىش ئاساس قىلىنغان مەشھۇر ئاسارئەتىقە باغچىلىرى؛ ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغان ھايۋانات باغچىسى ۋە ئۆسۈملۈك باغچىسى قاتارلىقلار بار. بۇلاردىن باشقا يېڭى تىپتىكى دىسنىي شادلىق باغچىسى، ھەيكەلتىراشلىق باغچىسى، قار - مۇز باغچىسى، ئەمالار باغچىسى، چۆچەكلەر دۇنياسى باغچىسى، قەدىمكىگە تەقلىد قىلىنغان باغچە، مەقبەرە باغچە قاتارلىق باغچىلارمۇ بار. ھەر خىل ياش قۇرامدىكىلەرگە ماس كېلىدىغان، كۆپ خىل مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال باغچىلار كىشىلەرگە بەكرەك تونۇشلۇق. ئۇنىۋېرسال باغچىلارنى بىنا قىلىشتا، باغ - ئورمان سەنئىتى جەھەتتە كۆپىنچە ھاللاردا ھەم ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ، ھەم يېڭىلىق يارىتىلىدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭدا بىر جەھەتتىن قەدىمكى باغچىلاردا بار بىر قاتار سەنئەت ئىجادىيىتى ئۇسۇللىرى ۋە روشەن مىللىي ئالاھىدىلىك، يەرلىك ئۇسلۇب ئۆرنەك قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە دەۋرنىڭ تەلىپىگىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇلىدۇ. خاڭجۇ شەھىرىگە جايلاشقان شىخۇ كۆلىدىكى10 مەنزىرە نۇقتىسىنىڭ بىرى بولغان «گۈل ئېچىلغان كۆلدە بېلىق تاماشىسى قىلىش» مەنزىرە نۇقتىسىدا جۇڭگو باغ - ئورمان سەنئىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىسىگە تولۇق تەتبىقلاش ئاساسىدا مەنزىرە ھاسىل قىلىنغان، يانتۇلۇق، ئېدىرلىق، ئەگرى - توقاي ئېرىق - قىرلاردىن ئىبارەت جانلىق يەر شەكلى بارلىققا كەلتۈرۈلگەن، ھەر خىل ئۆسۈملۈك، دەل - دەرەخلەر كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەمدە «گۈل بەرگى بېلىقنىڭ ئۈستىگە چۈشىدىغان، بېلىق گۈلنى چىشلەيدىغان» مەنزىرە يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن. ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشتا، ئېرىق - ئۆستەڭ، تاغ - تاشلىق يەر شەكلى، باغ يولى ۋە دەل - دەرەخلەرنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، باغچە ئوت - چۆپ مەنزىرە رايونى، بېلىق كۆلى مەنزىرە رايونى، مودەنگۈلى مەنزىرە رايونى، ئورمانلىق مەنزىرە رايونى، گۈللۈك كۆل مەنزىرە رايونى ۋە دەل - دەرەخ مەنزىرە رايونى قاتارلىقلارغا ئايرىلغان. باغچە قاتمۇقات تاغلارنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولۇپ، قۇياش نۇرى چاقناپ تۇرغان شىخۇ كۆلىگە قاراپ تۇرىدۇ، باغچىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى كىشىنى ھەقىقەتەن ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. بۇ باغچىغا سەيلە - ساياھەت قىلغىلى كەلگەنلەر گۈل - گىياھ ۋە بېلىقلارنى قانغۇچە تاماشا قىلالايدۇ، قېيىققا ئولتۇرۇپ ئۈزەلەيدۇ، جىمجىت ئولتۇرۇپ بېلىق تۇتالايدۇ، دەل - دەرەخلەر ئارىسىدا ئارام ئېلىپ ھاردۇقىنى چىقىرالايدۇ ھەم داڭلىق يېمەك - ئىچمەكلەرگە ئېغىز تېگەلەيدۇ، ئىشقىلىپ، بۇ باغچە دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەر ياقتۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال باغچىلارنىڭ بىرىدۇر.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ باغ ئورمانچىلىقى
ئۇنىۋېرسال باغچىلار | UyghurWiki | UyghurWiki