راۋاق مەنزىرىسى
جۇڭگونىڭ باغ-ئورمانچىلىقى
تاڭ دەۋرىدىكى شېئىرلاردا: «يەنىمۇ يىراققا تەلپۈنسەڭ ئەگەر، ئۆرلىگىن ئاندىنمۇ يۈكسەك پەللىگە» دەيدىغان داڭلىق مىسرالار بار. راۋاق − تەبىئىي مەنزىرىلەر، مەشھۇر جايلار ۋە باغ - ئورمانلار دائىم ئايان بولىدىغان مەنزىرە رايونى ھېسابلىنىدۇ. كىشىلەر راۋاقلارغا چىقىپ يىراققا نەزەر تاشلىغاندا كۆڭلى ئېچىلىپ، قەدىمكى ئىشلار توغرۇلۇق خىيال دېڭىزىغا غەرق بولىدۇ. ھەربىر مەشھۇر راۋاقنىڭ مەشھۇر شېئىر ۋە پروزىسى بار، مەسىلەن، تاڭ سۇلالىسى زامانىسىدا ئۆتكەن ۋاڭ بونىڭ: «تېڭۋاڭ راۋىقىغا مۇقەددىمە»، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئاتاقلىق شائىر فەن جۇڭيەننىڭ «يۆياڭ راۋىقى ھەققىدە» دېگەن شېئىرى، داگۇەنلۇ راۋىقىغا يېزىلغان500 نەچچە خەتلىك مەسنەۋى قاتارلىقلار يۇقىرى كامالەتكە يەتكەن ئەدەبىياتنىڭ نامايەندىلىرىدۇر.
باغچىلاردا دائىم جايلاردىكى مەشھۇر مەنزىرىلىك جايلارنىڭ ئومۇمىي روھى ۋە شەكلى قايتا ئىپادىلەنگەن بولىدۇ، بۇ «ئۆزگىرىپ تۇرغان ماكان، قارارگاھ بولغان زېمىن، سالغان نەۋقىران يىگىتلەرنى خىيالغا» دېيىلىدۇ. مەشھۇر راۋاقلارمۇ ئۆزگىرىپ تۇرغان، قارارگاھ بولغان ئوبيېكتلاردۇر، ئەلۋەتتە. مەسىلەن، ئىسسىقتىن پاناھلىنىش تاغ ئارامگاھىدىكى «يەنيۈي راۋىقى» جياشىڭدىكى نەنخۇ كۆلىدە بىنا قىلىنغان «يەنيۈي» راۋىقىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان. يېخېيۈەن كۇنمىڭخۇ كۆلىدىكى بىرقانچە ئارالغا بىنا قىلىنغان ئىمارەتلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا ۋۇخەندىكى «تۇرنا راۋىقى»، خەنجياڭ دەرياسى بويىدىكى «تېڭۋاڭ راۋىقى» ۋە ۋۇشى شەھىرى تەيخۇ كۆلىدىكى «خۇاڭفۇدۇن» لەردۇر.
راۋاقلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى باغلارنىڭ مەنزىرىلىرىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىنا قىلىنغان. مەسىلەن، يىخېيۈەن باغچىسىدىكى «تاغ مەنزىرىلىرى، كۆل ئەكس ئەتتۈرگەن نۇر - شولىلار، راۋاقلار بىلەن ھەمدەم بولغان، كەچكى شەپەق نۇرىدىكى راۋاقلار كۆزنى قاماشتۇرىدۇ» ۋەھاكازالار. سۇجۇ شەھىرى ليۇيۈەن باغچىسىدىكى «مىڭسې راۋىقى، چۈيشى راۋىقى»، شىزىلىندىكى «ئەنشياڭ شۇيىڭ راۋىقى، ۋېنمېي راۋىقى»، جوجېڭ باغچىسىدىكى «جيەنسەن راۋىقى، فوسۇي راۋىقى» ۋەھاكازالار. بۇ راۋاقلار باغلار جايلاشقان جايدىكى باغ - ئورمانلارنىڭ قىسمەن ئاساسىي مەنزىرىسى بولۇپ، باغلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرۈشكە نىسبەتەن مۇھىم رول ئوينىغان.