ئورمان سىستېمىسى
جۇڭگونىڭ باغ-ئورمانچىلىقى
18 - ئەسىردىن ئىلگىرى دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئۆزىنىڭ باغ - ئورمانلىرى بولغان، تۈرلۈك ئۇسلۇبتىكى باغ - ئورمانلاردىن جۇڭگو سىستېمىسى، غەربىي ئاسىيا سىستېمىسى ۋە قەدىمكى گرېتسىيە سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سىستېما شەكىللەنگەن.
غەربىي ئاسىيانىڭ باغ بىنا قىلىش پائالىيەتلىرى قەدىمكى پېرسىيە (بۈگۈنكى ئىران) دىن باشلىنىپ، سۇرىيە، ئىراق، مىسىر، ئىسپانىيە ۋە ئەرەبىستان قاتارلىق بارلىق ئىسلام دىنى رايونلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن. غەربىي ئاسىيا بىلەن شىمالىي ئافرىقىنىڭ ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق بولغاچقا، قۇرغاق ھاۋا ۋە قۇملۇق مۇھىت كىشىلەرگە پەقەت ئۆز ھويلىسى ئەتراپىنى كۆكەرتىش ئىمكانىيىتىنىلا بەرگەن. ئۇ يەرلەردىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە سۇ ۋە يېشىللىق ناھايىتى قىممەتلىك نەرسە، ئۇلارغا نىسبەتەن، »جەننەت بېغى« بىر چوڭ گۈللۈك، ئېرىق - ئۆستەڭلەردە سۇلار شارقىراپ ئېقىپ تۇرسا، دەرەخلەر ۋە گۈل - گىياھلار بۈك - باراقسان ئۆسۈپ، گۈل - چېچەكلەر ئېچىلىپ تۇرسا، ئىبادەتخانىلاردىن يېقىملىق ئاۋازلار ياڭراپ تۇرسىلا كۇپايە. شۇڭا، ئەرەبلەر قاشا ۋە تام بىلەن قورشالغان تۆت چاسا ھويلا - ئارام باغلىرىنى بىنا قىلىشقا، تەبىئەت بىلەن سۈنئىي باغ - ئورمانلارنىڭ چېگرىسىنى ئايرىپ ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن. باغنىڭ ئىچىنى، «田» شەكلىدە تىك ۋە توغرا لىنىيە بويىچە تۆت رايونغا ئايرىغان ھەمدە ئوق لىنىيىنى كرېست شەكلىدە، دەرەخلىك يول قىلىپ ياسىغان، يولنىڭ كېسىشىدىغان جايىغا مەركىزىي سۇ كۆلچىكى ئورۇنلاشتۇرۇپ جەننەتكە سىمۋول قىلغان. كېيىنكى چاغلاردا، سۇنىڭ رولى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇلۇپ، نوقۇل ھالدىكى مەركىزىي سۇ كۆلچەكلىرى تۈرلۈك ئاشكارا ھەم يوشۇرۇن ئېرىقلار ۋە فونتانلارغا ئۆزگەرتىلگەن ھەمدە ئۇلار بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇلغان. سۇدىن پايدىلىنىشنىڭ ئاشۇنداق ئۇسۇللىرى كېيىنكى چاغلاردا يەنە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ باغ - ئورمانلىرىغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
قەدىمكى گرېتسىيە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى5 - ئەسىرلەردە پەيدىنپەي پېرسىيىنىڭ باغ بىنا قىلىش سەنئىتىنى ئۆگىنىشكە باشلاپ، ئەسلىدە بار مېۋىلىك دەرەخلەر ۋە كۆكتاتلىقلارنىڭ ئىچىگە پېرسىيىنىڭ ئاجايىپ گۈل - گىياھلىرىنى تېرىپ، ئاخىر تۆت ئەتراپىنى ئۆي - ئىمارەتلەر ئوراپ تۇرغان، ئوتتۇرىسى بوستانلىق، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قانۇنىيەتلىك، تۆت چاسىلىق، تۈۋرۈك كارىدورلۇق باغلارنى بىنا قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىن رىم گرېتسىيىنىڭ باغ - ئورمان سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلغان. رىملىقلار گرېتسىيىنىڭ تۈۋرۈك كارىدورلۇق باغلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چوڭ كۆلەملىك تاغ، ئورمانلىقلىرىنى بىنا قىلغان، ئۇلار يالغۇز ئىمارەتلەر ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تەرتىپلىك ئوق لىنىيىلىك باغ تۈزۈلمىسى ئۇسۇلىغا ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، يەنە قىرقىپ شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن دەرەخلەر ۋە قاشا - سالاسۇنلارنىمۇ، گېئومېتىرىيىلىك گۈل تەشتەكلىرىنىمۇ، شۇنىڭدەك قىرقىپ شەكىلگە كەلتۈرۈلگەن دەرەخ قاشالىرىدىن شەكىللەنگەن سىرلىق ئوردىلارنىمۇ بارلىققا كەلتۈرگەن. ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدە، ياۋروپا باغ - ئورمانچىلىقىدا يېڭى سەكرەش بارلىققا كەلگەن. بۇرۇنقى كۆكتاتلىقلار ۋە شەھەر - قەلئەلەردىكى كىچىك يېشىللىقلار چوڭ كۆلەملىك داچىلارغا، ئىستىراھەت باغچىلىرىغا ئايلانغان. باغلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممە نەرسە گەۋدىلىك ھالدا سۈنئىي ئۇسۇل بىلەن، تۆت چاسا شەكلىدە، تۈز، ئۇدۇل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقتىن، سىرتتىكى پارچە - پارچە تەبىئىي مۇھىتلارغا زادى ئوخشىمايدىغان گۈزەل دۇنياغا ئايلىنىپ، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق نامايان قىلغان. قاتمۇقات، قەۋەتمۇقەۋەت ئىمارەتلەر ۋە ئوتتۇرا ئوق لىنىيىلەر پۈتۈن باغنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ۋە ئوقى قىلىنغان، تاغنىڭ تۈزۈلۈش شەكلىگە بىرلەشتۈرۈپ، تاغدىن سۇ چۈشۈرۈلۈپ، سايىداش - سالقىنلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. يەنە ھەيكەللەر بىلەن بېزەلگەن فونتانلىق كۆلچەكلەر ھاسىل قىلىنغان، پەللىمۇپەللە پەسلەپ ئاقىدىغان شارقىراتمىلار ھۆسن قوشۇپ تۇرغان.
پارىژدىكى ۋېرسال سارىيىنىڭ بېغى پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ياۋروپا قەدىمكى باغ - ئورمانچىلىقىنىڭ تاجىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ باغ - ئورمان ئومۇمىي كۆلىمى1500 گېكتار بولۇپ، شۇ چاغدىكى پارىژ شەھەر رايونى كۆلىمىنىڭ تۆتتىن بىرىگە توغرا كەلگەن. باغنىڭ ئوق لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ كىلومېتىر بولۇپ،400 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۆڭگە سېلىنغان ئوردا ئاساسىي بىناسى بىلەن تىك كېسىشىدۇ. ئوتتۇرا ئوق لىنىيىسىنىڭ ئالدىنقى يېرىم بۆلىكى كرېست شەكلىدىكى ئېرىق، ئېرىقنىڭ ئىككى قاسنىقىغا شاھمات ئۇرۇقىدەك يېيىلغان گۈل تەشتەكلىرى، فونتانلار، سۇ كۆلچەكلىرى، ھەيكەللەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. باغنىڭ چۆرىسىگە تام قوپۇرۇلمىغان، باغدىكى يېشىللىق باغ سىرتىدىكى ئېتىز - ئېرىقلار بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن. ۋەھالەنكى، باغ ئىچىدىكى مەنزىرىلەر ئوتتۇرا ئوق لىنىيە بىلەن قاتتىق سىممېترىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ۋېرسال ئوردىسىدىكى باغچە لۇئى 14 پۈتكۈل ياۋروپاغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندىن كېيىنكى1661 - يىلىدىن ئېتىبارەن بىنا قىلىنىشقا باشلىغان، ئۇنىڭغا100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن، پۈتۈن مەملىكەت باج - سېلىقىنىڭ ئوندىن ئالتە ئۈلۈشى سەرپ قىلىنغان. ھەيۋەتلىك ۋېرسال ئوردىسى چارۋېغىنىڭ ھەممە يېرىدە شاھ ھوقۇقىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ئەمما فرانسىيە باغ - ئورمانچىلىقىنىڭ ئىخچام، ئازادە بولۇشتەك ئۆزگىچە ئۇسلۇبىمۇ تولۇق نامايان قىلىنغان.
جۇڭگونىڭ تاغ، باغ - ئورمانچىلىقىنىڭ ۋەكىلى دەپ قارالغان شەرق باغ - ئورمانچىلىقى بىلەن غەرب باغ - ئورمانچىلىقى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. جۇڭگونىڭ تاغ، سۇ، باغ - ئورمانچىلىقىدا تەبىئىي گۈزەللىك ئىپادىلىنىدۇ، قۇرۇلما شەكلىدە ئەركىن بولۇش، ئۆزگىرىشچان بولۇش، ئەگرى - بۈگرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىك ئىپادىلەنگەن بولۇپ، مەنزىرىلەر نەرسىلەرنىڭ تەبىئىيلىكىنى مەنبە قىلىشى، ئەمما تەبىئەتتىن ئۈستۈن بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، سۈنئىي گۈزەللىك بىلەن تەبىئىي گۈزەللىك بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ، «ئادەم ياسىغان بولسىمۇ، لېكىن تەبىئىي يارالغان» دەك بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، شۇڭا تەبىئىي ھالدىكى تاغ، سۇ مەنزىرىلىرىگە ئىگە باغ - ئورمان بىنا قىلىشتەك ئۆزگىچە ئۇسلۇب شەكىللەنگەن.