سىممېترىك (روبىرو) مەنزىرە ۋە ئارىيە مەنزىرە
جۇڭگونىڭ باغ-ئورمانچىلىقى
جۇڭگونىڭ باغ - ئورمانلىرىدا غەربنىڭ باغ - ئورمانلىرىدىكىدەك مەنزىرىنى ئوق سىزىق بويىچە سىممېترىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاز قوللىنىلىدۇ. ئوق سىزىق بويىچە سىممېترىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەنزىرە دېگىنىمىز، ئادەم ئۇزۇن تۈز كەتكەن يولنى بويلاپ ماڭىدىغان، بىرەر مەنزىرىنى يىراقتىن يېقىنلاپ كېلىپ تاماشا قىلىدىغان مەنزىرىنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو باغ - ئورمانلىرىدا «ھەر قەدەمدە باشقا مەنزىرىنى كۆرەلەيدىغان» بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، ئادەمنىڭ مېڭىشىغا ئەگىشىپ مەنزىرىلەر ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئىككى تەرەپتىكى مەنزىرىلەر ۋە ئۇنى تاماشا قىلىدىغان ئورۇن ئەپچىللىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
جۇڭگو باغ - ئورمانلىرىدا، ئەڭ ياخشى مەنزىرە ئورنى ئەڭ پايدىلىق يەر شەكلى ئۈستىدە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ ياخشى تەبىئىي مۇھىت ھەمدەم قىلىنىدۇ. سەيلە قىلىش لىنىيىسىدە تۇرۇشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان جاينىڭ ئۆزى مەنزىرە تاماشا قىلىدىغان ئەڭ ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ. مەنزىرە نۇقتىلىرى كۆپ بولغان باغلاردا ھەرقايسى مەنزىرە نۇقتىلىرى سىممېترىك بولىدۇ. مەسىلەن، يىخېيۈەن باغچىسىدىكى بۇددا ئىسرىق راۋىقى بىلەن كۇنمىڭ كۆلى لۇڭخۇاڭمياۋ ئىبادەتخانىسىدىكى خەنشۈتاڭ خانىسى ئاشۇنداق سىممېترىك مەنزىرىلەردۇر. بەزىدە سىممېترىك مەنزىرىلەرنىڭ ئەڭ ئېسىل قىسمىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، يەنە ئىشىك - دېرىزە رامكىسى ياكى ئىمارەتلەرنىڭ ئارىلىقلىرى ئارقىلىق سىممېترىك مەنزىرىلەر رامكا ئىچىگە ئېلىنىدۇ، شۇڭا كىشىلەر بۇنداق سىممېترىك مەنزىرىلەرنى «رامكا مەنزىرە» دەپ ئاتىشىدۇ.
ئارىيە مەنزىرە باغ سىرتىدىكى ئېسىل مەنزىرىلەرنى كۆرسىتىدۇ، بۇنداق مەنزىرىلەر كۆڭۈل قويۇپ تاللاش ۋە قىرقىش ئارقىلىق باغ - ئورمان ئىچىگە كىرگۈزۈلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەنزىرىلەر موللاشتۇرۇلۇپ، قاتلاملار تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە بوشلۇق تەسىراتىنى كېڭەيتكىلى بولىدۇ. ۋۇشىدىكى جىچاڭيۈەن باغچىسىنىڭ ئارىيە مەنزىرىلىرى شىسەن ۋە خۇيسەن تاغلىرىدىن، يىخېيۈەن بېغىنىڭ ئارىيە مەنزىرىسى يۈچۈەنسەن تېغىدىن ئېلىنغان ۋەھاكازا، بۇلار مەشھۇر ئارىيە مەنزىرىلەر ھېسابلىنىدۇ.
جۇڭگو باغ - ئورمانچىلىقىدىكى مەنزىرىلەردە ئارىيە ئۇسۇلى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، يىراق ئارىيە، قوشنا ئارىيە، يۇقىرىسىغا ئارىيە، تۆۋەن ئارىيە ۋە ۋاقىتقا قاراپ قىلىنىدىغان ئارىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۇجۇدىكى جۇجېڭيۇەن باغچىسىنى سەيلە قىلسىڭىز، «يىخۇڭ شىپاڭى»، «خېفېڭ سىميەن شىپاڭى» دا باغ سىرتىدىكى شىمالىي ئىبادەتخانا مۇنارىنى كۆرەلەيسىز، بۇ، يىراق ئارىيە. سۇجۇدىكى ليۇيۈەن بېغى، ساڭلاڭ شىپاڭى ۋە بېيجىڭدىكى يىخېيۈەن بېغىدا نۇرغۇن كېشەكسىز دېرىزىلەر بار، سەيلە قىلىپ ئاشۇ كېشەكسىز دېرىزىلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتسىڭىز، ھەر قەدەمدە باشقا مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ، بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان مەنزىرىلەردىن ھۇزۇر ئالالايسىز، بۇلار ئادەتتە قوللىنىلغان قوشنا ئارىيەلەردۇر. تۆۋەن ئارىيە بىلەن يۇقىرىسىغا ئارىيىدە پەقەت مەنزىرە تاماشا قىلىش نۇقتىسى ئوخشاشمايدۇ. زۇمرەتتەك سۈزۈك پايانسىز ھاۋا بوشلۇقى، تىك قىيالار، نۇرلۇق ئاي، چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلار، باھار سۈيى دولقۇنلاپ تۇرغان دەريالار، ئويناپ تۇرغان بېلىقلار، لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرغان گۈلخانلار، سۇدىكى كۆلەڭگىلەر تۆۋەن ياكى يۇقىرىسىغا ئارىيە سۇژىتلىرى بولالايدۇ. ۋاقىتقا قاراپ قىلىنىدىغان ئارىيەگە كەلسەك، ئۇنىڭ تۈرلىرى تېخىمۇ كۆپ، مەسىلەن، بىر كۈندە كۆلەڭگىلەر ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئەتىگەنلىك شەپەق بىلەن كەچكى شەپەق ئوخشاش بولمايدۇ؛ بىر يىلدا، باھاردا گۈللەر رەڭگارەڭ ئېچىلىپ كېتىدۇ، يازدا باراقسان دەرەخلەرنىڭ قاراڭغۇ كۆلەڭگىسى زېمىنغا تاشلىنىپ تۇرىدۇ، كۈزدە دەرەخ يوپۇرماقلىرى شەپەق نۇرىغا ئوخشاش ئالتۇن رەڭگە كىرىدۇ، قىشتا زېمىننى ئاپئاق قار قاپلايدۇ، نۆكچە مۇزلار ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، بۇلار ۋاقىتقا قاراپ ئارىيە قىلىشقا بولىدىغان ناھايىتى قىزىقارلىق مەنزىرىلەردىن بولالايدۇ.
ئاۋاز، پۇراق قاتارلىقلارنىمۇ ئارىيە قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، نۇرغۇن باغلاردا ئەتراپتىكى ئىبادەتخانىلاردىن چىقىدىغان قىرائەت قىلىش ئاۋازلىرى، مۇنارلاردىكى قوڭغۇراق، دۇمباق ئاۋازلىرى ياكى شامال - بوران ئاۋازى، يامغۇر ئاۋازى، شارقىراتما ئاۋازى ... ھەتتا كۈجىنىڭ مەززىلىك پۇراقلىرى ئارىيە قىلىنىدۇ.