تىلسىمات − يىخېيۈەن باغچىسى
جۇڭگونىڭ باغ-ئورمانچىلىقى
جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە مەشھۇر بولغان بېيجىڭ يىخېيۈەن باغچىسى چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ زامانىسىدا ياسالغان، ئەسلىي نامى چىڭيى بولۇپ، جۇڭگودىكى خانلىق باغلار ئىچىدە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە باغلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا تا ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ قالغان ئەڭ مۇكەممەل خانلىق باغ.
يىخېيۈەن باغچىسىنىڭ كۆلىمى4000 مودىن ئاشىدۇ، ئاساسىي گەۋدىسى ۋەنشۇشەن تېغى ۋە كۇنمىڭ كۆلى. ۋەنشۇشەن تېغىدا تاغقا يانداپ سېلىنغان بىر توپ كۆركەم ھەيۋەتلىك راۋاق - ساراي ۋە سۇپا - تەكچىلەر بار، ئېگىز فوشياڭگې (بۇددا ئىسرىق) راۋىقى پۈتكۈل باغچە بويىچە يادرو قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. فوشياڭگې راۋىقىنىڭ ئېگىز سۇپىسىدا تۇرۇپ پەسكە قارىسا، پۈتكۈل كۇنمىڭ كۆلىنى كۆرگىلى بولىدۇ. كۇنمىڭ كۆلى خاڭجۇدىكى شىخۇ كۆلىگە تەقلىد قىلىپ قېزىلغان. شىخۇ كۆلىدە بىر سۇدى توسمىسى، توسمىدا ئالتە كۆۋرۈك بار؛ كۇنمىڭ كۆلىگىمۇ شىدى دەپ ئاتىلىدىغان بىر توسما ۋە توسمىغا چىرايلىق ئالتە كۆۋرۈك سېلىنغان. كۇنمىڭ كۆلىدە قەدىمكى زامان ئەپسانىلىرىدىكى فېڭ لەي، فاڭ جاڭ، يىڭجۇ دەپ ئاتىلىدىغان، دېڭىزدىكى ئۈچ ئىلاھ تاغقا ئوبرازلاشتۇرۇلغان ئۈچ ئارال بار. بۇ جۇڭگونىڭ باغ - ئورمانچىلىق ئەنئەنىسىدىكى «بىر كۆل، ئۈچ تاغ» ئەندىزىسىدۇر. يىخېيۈەن باغچىسىنىڭ تاغ - سۇلىرى ھەم ئادەمنى مەستخۇش قىلىدىغان تەبىئىي گۈزەللىككە، ھەم خىيالىي دۇنيادىكى رومانتىك تۈسكە ئىگە بولۇپ، ئەۋلىيا - ئەنبىيالار ماكانىنى تەسۋىرلىگەن ئېسىل رەسىمگە ئوخشايدۇ.
يىخېيۈەن بېغىنىڭ شىمالى، ۋەنشۇشەن تېغىنىڭ ئارقىسى ئارقا تاغ، ئارقا كۆل مەنزىرە رايونى. ئۇ ئالدى تاغ، ئالدى كۆل مەنزىرە رايونىنىڭ كەڭ، كۆركەم مەنزىرىسىنىڭ ئەكسىچە پىنھان ھەم ئىچكىرى باغ مۇھىتى. ئارقا كۆلدىكى سۇ يۈزى تار ۋە ئۇزۇنچاق، بويىغا بەزى جايلىرى كېڭىيىپ، بەزى جايلىرى تارىيىپ بارىدۇ، كۆلنىڭ ئىككى يېنى قويۇق ئورمان بىلەن قاپلانغان تاغلار بولۇپ، ئادەمگە بەئەينى قاتمۇقات تاغ ۋە جىلغىلار ئارىسىدا تۇرغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئارقا تاغ بىلەن ئارقا كۆلنىڭ بويلىرىدا ئەسلىي سۇجۇ كوچىلىرىدىكىدەك ئالاھىدە ئۇسلۇبقا ئىگە باغ ئىمارەتلىرى بار ئىدى، ئەپسۇسكى، ئۇلار1860 - يىلىدىن1900 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر تەرىپىدىن ۋەيران قىلىۋېتىلگەن. شەرقىي شىمال بۇرجىكىدىكى قىيپاشقا جايلاشقان كىچىك باغچىلار بۇ بالا - قازادىن ئامان قالغان. ئۇنىڭ «باغچىلارنىڭ باغچىسى» دېگەن چىرايلىق نامى بار بولۇپ، ئۇنىڭغا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى باغ - ئورمانلارنىڭ نازاكەتلىك، چىرايلىق ئالاھىدىلىكى مۇجەسسەملەنگەن.