UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگونىڭ باغ ئورمانچىلىقىخاڭجۇدىكى شىخۇ كۆلى

خاڭجۇدىكى شىخۇ كۆلى

جۇڭگونىڭ باغ-ئورمانچىلىقى »ئەرشتە جەننەت، پەرىشتە سۇ - خاڭ«، خاڭجۇنىڭ ئالەمگە مەشھۇرلىقى ئۇنىڭدا شىخۇ كۆلىنىڭ بولغانلىقىدا. مەملىكىتىمىزدە گەرچە شىخۇ كۆلى دەپ ئاتىلىدىغان نۇرغۇن مەنزىرىلىك جايلار بولسىمۇ، يەنىلا قەدىمدىن تارتىپ «ئالەمدە بار شىخۇ كۆلىدىن ئوتتۇز ئالتىسى، ئەمما تەڭداشسىزدۇر گۈزەللىكتە خاڭجۇدىكىسى». شىخۇ كۆلىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى03 .6 كۋادرات كىلومېتىر، كۆل شەكلى ئېللىپس شەكىلگە يېقىنراق، ئۈچ تەرىپى تاغ بىلەن ئورىلىپ، شەرق تەرىپى شەھەر رايونىغا يانداش ئورۇنلاشقان، تەبىئىي شارائىتى ئىنتايىن ئەۋزەل. كىشىلەرنىڭ قانچىلىغان ئەسىرلەردىن بۇيان ئۈزلۈكسىز قۇرۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈشى بىلەن، ھازىرقىدەك زور باغ بولۇپ شەكىللەنگەن. كۆلنىڭ ئايلانمىسى15 كىلومېتىر، تاغلىرى چىرايلىق، سۈيى زۇمرەتتەك سۈزۈك، كۆل ئەتراپى بۈككىدە دەل - دەرەخ ۋە گۈل - چېچەكلەرگە تولغان. كەڭرى كەتكەن كۆلگە بىر تاغ (گۇشەن)، ئىككى توسما (بەيدى ۋە سۇدى توسمىلىرى)، ئۈچ ئارال (شياۋيىڭجۇ، خۇشىنتىڭ، يۈەنگۇڭدۈن دەپ ئاتىلىدىغان ئاراللار) ئورۇنلاشتۇرۇلغان. كۆل سۈيى ئەينەكتەك سۈزۈك، تاغلىرى بەئەينى گۈلتاجلىرىدەك، توسمىلار خۇددى رەڭدار لېنتىدەك، ئاراللىرى گويا قاشتېشىدەك گۈزەل بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تەبىئىي ۋە سۈنئىي گۈزەللىكى بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن. شىخۇ كۆلى ئەلمىساقتىن تارتىپ خەلق ئاممىسى سەيلە - ساياھەت قىلىدىغان ئېسىل جاي بولۇپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئەتراپىدا يەنە لىڭيىن ئىبادەتخانىسى، خۇاڭلۇڭ غارى، يەنشيا ئۆڭكۈرى، گېلىڭ چوققىسى، فاڭخې شىپاڭى، شىلىڭ باسمىخانىسى، سۇدى توسمىسىدىكى ئالتە كۆۋرۈك، شۇنىڭدەك يۆفېي قەبرىسى قاتارلىق مەشھۇر ئاسارئەتىقىلەر بار. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كاڭشى خان شىخۇ كۆلىنىڭ10 مەنزىرە نۇقتىسىغا: «ليۇلاڭ ۋېنيىڭ، پىڭخۇچيۇيۆ، دۇەنچياۋ سەنشۆ، چۈييۈەن فېڭخې، سەنتەن يېنيۆ، نەنبىڭ ۋەنجۇڭ، خۇاگاڭ گۈەنيۈي، شۇاڭفېڭ چايۈن، سۇدى چۈنياۋ، لېي فېڭ شىجاۋ» دېگەندەك بېغىشلىمىلارنى يېزىپ بەرگەن. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، شىخۇ كۆلىگە يەنە: «جيۇشى يەنشۇ، يۈنشى جۇجىڭ، مەنلۇڭ گۈييۈي، لۇڭجىڭ ۋېنچا، ۋۇشەن تيەنفېڭ، رۈەندۈن خۈەنبى، يۈخۇاڭ فېييۈن، باۋشى ليۇلۇ، خۇپاۋ مېڭچۈەن، خۇاڭلۇڭ تۇسۇي» قاتارلىق ئون مەنزىرىلىك جاي يېڭىدىن قوشۇلدى. بۇ مەشھۇر جايلار گۈزەل كۆل ۋە تاغقا يۈزلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇشىدا جۇڭگونىڭ باغ - ئورمانچىلىق بىناكارلىقىدىكى مەنزىرىلىرىدىن پايدىلىنىش ئۇسۇلى كەڭ قوللىنىلغان. ھۆسنخەت ئويمىچىلىقى بىلەن جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە مەشھۇر شىلىڭ باسمىخانىسى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. تاغ ئۈستىدىكى سىجاۋگې راۋىقىدا تۇرۇپ ئەتراپقا نەزەر تاشلىسىڭىز، ئىچكىرى - تاشقىرى كۆللەرنىڭ بارلىق مەنزىرىسى شۇئان كۆز ئالدىڭىزدا ئايان بولىدۇ. كۆلدە ئارال، ئارالدا كۆل بار، يىڭجۇ (كىچىك دۇنيا) ئارىلى (سەنتەن يىنيۆ) كۆل ۋە تاغ مەنزىرىلىرىنى تاماشا قىلىشتىكى ياخشى جاي. بۇ يەردە تۇرۇپ شىخۇ كۆلىدىكى تاغلارنى، تۈرلۈك ھاۋا كىلىماتى شارائىتىدىكى ھەر خىل ھالەتلىرىنى كۆرۈپ ھۇزۇرلىنالايسىز. بۇلار شىخۇ كۆلىنىڭ مەنزىرىسىگە مىسلىسىز شېئىرىي تۈس ئاتا قىلغان.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگونىڭ باغ ئورمانچىلىقى