UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەرنەنجىڭ مىللىي ھۆكۈمىتى

نەنجىڭ مىللىي ھۆكۈمىتى

جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر 1927 - يىلى جياڭ جيېشى «12 - ئاپرېل» ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغىغاندىن كېيىن نەنجىڭدا يەنە بىر مىللىي ھۆكۈمەت قۇرۇپ، ۋۇخەن مىللىي ھۆكۈمىتى بىلەن قارشىلاشتى. جياڭ جيېشى (1887 −1975 ) ئىسمى جۇڭجېڭ، جىجياڭدىكى فېڭخۇادىن، ئىلگىرى ياپونىيىگە ئوقۇشقا چىققان مەزگىلدە سۇن جۇڭشەن بىلەن تونۇشۇپ، ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن كۆپ قېتىم يۈەن شىكەيگە قارشى قوراللىق كۈرەشكە قاتناشقان.1922 - يىلى چېن جيۇڭمىڭ ئاسىيلىق قىلغاندىن كېيىن سۇن جۇڭشەننى قوغداش ئۈچۈن دەرھال شاڭخەيگە كېلىپ، سۇن جۇڭشەننىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن. ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە1 - جۈنىنىڭ جۈنجاڭى، مىللىي ھۆكۈمەت ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.1927 - يىل4 - ئاينىڭ15 - كۈنى جياڭ جيېشى قاتارلىقلار نەنجىڭدا ئۆز بېشمىچىلىق بىلەن گومىنداڭ مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتى بىرلەشمە يىغىنىنى چاقىرىپ، ۋۇخەن مىللىي ھۆكۈمىتى ۋە ۋۇخەن گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېتىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، باشقىدىن ھۆكۈمەت قۇرۇپ، نەنجىڭنى پايتەخت قىلىپ بېكىتتى.4 - ئاينىڭ17 - كۈنى نەنجىڭدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي يىغىنىنى ئېچىپ، مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ4 - ئاينىڭ18 - كۈنىدىن باشلاپ نەنجىڭدا خىزمەتكە چۈشۈشىنى قارار قىلدى ھەمدە قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. نەنجىڭ مىللىي ھۆكۈمىتى پارلامېنت تۈزۈمىنى يولغا قويدى، خۇ خەنمىن، جاڭ جىڭجياڭ، ۋۇ چاۋشۇ، گۇ يىڭفېنلار دائىمىي ھەيئەت ئەزالىقىغا تەيىنلەندى. جياڭ جيېشى مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، ئەمەلىي ھوقۇقنى ئىگىلىدى.1928 - يىلى10 - ئايدا گومىنداڭ مەركىزىي كومىتېت دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىنى «جۇڭخۇا مىنگو مىللىي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى» نى ماقۇللاپ، پارلامېنت تۈزۈمىنى بەش پالاتا تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىپ، جياڭ جيېشىنى نەنجىڭ مىللىي ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، قوشۇمچە قۇرۇقلۇق، ھاۋا، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا، تەن يەنكەي، خۇ خەنمىن، ۋاڭ چۇڭخۇي، دەي جىتاۋ، سەي يۈەنپېي قاتارلىقلارنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەمۇرىيەت، قانۇن تۇرغۇزۇش، ئەدلىيە، تەپتىش، ئىمتىھان قاتارلىق بەش مەھكىمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ جياڭ جيېشى باشچىلىقىدىكى گومىنىداڭ پارتىيىسى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى كونترول قىلىۋالدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە نەنجىڭ مىللىي ھۆكۈمىتى چۇڭچىڭغا يۆتكىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە ئالىي كومىتېتى قۇردى، سىياسىي، مەمۇرىي، ھەربىي ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈپ جياڭ جيېشىنى كومىتېت رەئىسلىكىگە، ۋاڭ جىڭۋېينى مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلىدى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن «ئاساسىي قانۇن» تۈزۈش ئۈچۈن1946 - يىلى10 - ئايدا «ئاساسىي قانۇن تۈزۈش قۇرۇلتىيى» نى چاقىردى،1948 - يىلى3 - ئايدا «ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش» قۇرۇلتىيىنى چاقىرىپ، جياڭ جيېشىنى «زۇڭتۇڭ» قىلىپ سايلىدى.1949 - يىلى4 - ئايدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى نەنجىڭنى ئازاد قىلدى، نەنجىڭ مىللىي ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر