قورچاق مانجۇرىيە دۆلىتى
جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
«18 - سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، ياپون جاھانگىرلىكى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىسىنى بېسىۋالدى. ياپونىيە كانتون ئارمىيىسى ئالدىراپ - تېنەپ شەرقىي شىمالدا قورچاق ھاكىمىيەت قۇرۇش غەرىزىدە بولدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن كانتون ئارمىيىسى دەرھال خائىنلارنى توپلاپ «مۇستەقىللىق ھەرىكىتى» نى ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىن بۆلۈنۈپ چىقىشنى پىلانلىدى. ياپونىيە جاسۇسى تۇفېييۈەن شيەنئېرنىڭ پىلانلىشىدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ تەختتىن چۈشكەن پادىشاھى فۇيىنى مەجبۇرىي شەرقىي شىمالغا ئېلىپ كەلدى.1932
- يىلى2 - ئايدا كانتون ئارمىيىسى شەرقىي شىمال ئۈچ ئۆلكىدىكى خائىن مۇناپىقلارنىڭ كاتتىۋاشلىرىنى شېنياڭغا يىغىپ، ئاتالمىش «دۆلەت قۇرۇش يىغىنى» چاقىردى.3 - ئاينىڭ1 - كۈنى «مانجۇرىيە» دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە ئاتالمىش «مانجۇرىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، بۇنى «يېڭى دۆلەت» دەپ ئاتىدى.3 - ئاينىڭ9 - كۈنى فۇيى چاڭچۇندە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، قورچاق مانجۇرىيە دۆلىتىنىڭ باشلىقى بولغانلىقىنى جاكارلىدى. يىلنامىنى «داتۇڭ» دەپ بېكىتىپ، چاڭچۇن («شىنجىڭ» دەپ ئۆزگەرتىلدى) نى پايتەخت قىلدى. ياپونىيە كانتون ئارمىيىسى باش قوماندانلىق شتابىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن خائىن جېڭ شاۋشۈي «دۆلەت ئىشلىرى زۇڭلىسى»، جاڭ جىڭخۇي «كېڭەش پالاتا باشلىقى» بولدى، قورچاق مانجۇرىيە دۆلىتى ئاتالمىش «دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى» نى يۈرگۈزىدىغانلىقى توغرىسىدا جار سالدى.
شۇ يىلى9 - ئايدا فۇيى بىلەن ياپونىيە ھۆكۈمىتى «ياپونىيە - مانجۇرىيە كېلىشىمنامىسى» نى ئىمزالىدى. بۇ مەخپىي شەرتنامىگە ئاساسەن ياپونىيە ھۆكۈمىتى قورچاق مانجۇرىيىنىڭ بارلىق ئىشىلىرىنى كونترول قىلالايتتى. ياپونىيە فۇيىنىڭ پادىشاھ بولۇش تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن1934 - يىل3 - ئاينىڭ1 - كۈنى «مانجۇرىيە» نى «مانجۇرىيە ئىمپېرىيىسى» گە ئۆزگەرتتى، فۇيى پادىشاھ بولدى، يىلنامىنى كاڭدى دەپ ئاتاپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇننى يۈرگۈزدى. قورچاق مانجۇرىيىنىڭ ھامىيلىق ھوقۇقى ياپونىيە ساماۋى پادىشاھىغا مەنسۇپ ئىدى، ياپونىيە كانتون ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق شتابى قورچاق مانجۇرىيىنىڭ ئەمەلىيەتتىكى خوجايىنى بولۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى چوڭ ھوقۇقلار ياپونىيىلىكلەرنىڭ قولىدا ئىدى. ئۇلار شەرقىي شىمال خەلقىنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن،1934 - يىلىنىڭ ئۆزىدىلا60 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى «مانجۇرىيە بىلەن ياپونىيىگە قارشى تۇرغان» دەپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئىقتىسادىي جەھەتتە شەرقىي شىمالنىڭ مول بايلىقلىرىنى تالان - تاراج قىلسا، مەدەنىيەت جەھەتتە قۇللاشتۇرۇش مائارىپىنى يۈرگۈزدى. قورچاق مانجۇرىيە دۆلىتى ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ شەرقىي شىمالدا مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى يۈرگۈزۈشتىكى قورالىغا ئايلاندى.1945 - يىلى8 - ئايدا ياپونىيە تەسلىم بولدى. فۇيى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىندى، شۇنىڭ بىلەن قورچاق مانجۇرىيە دۆلىتى يوقالدى.