«18 - مارت» پاجىئەسى
جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
1926 - يىلى3 - ئايدا فېڭ يۈيشياڭ مىللىي ئارمىيىسى تيەنجىن ئەتراپىدا ياپونىيىگە تايانغان فېڭتيەن سىستېمىسىدىكى مىلىتارىست جاڭ زولىننى مەغلۇپ قىلدى. ياپونىيە داگۇ ئېغىزىغا ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىپ فېڭتيەن ئارمىيىسىنى ھىمايە قىلىپ، مىللىي ئارمىيىنى توپقا تۇتۇپ، نۇرغۇن ئادەمنى ئۆلتۈردى ۋە يارىلاندۇردى، مىللىي ئارمىيىمۇ زەمبىرەك ئېتىپ قايتۇرما زەربە بەردى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن ياپونىيە مۇشۇنى دەستەك قىلىپ، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە قاتارلىق سەككىز دۆلەت بىلەن بىرلىشىپ «شىنچۇ شەرتنامىسى» نى قوغداش باھانىسىدە، دۇەن چىرۇي ھۆكۈمىتىگە ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ تيەنجىن - داگۇ لىنىيىسىدىكى مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى چۇۋۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.3
- ئاينىڭ18 - كۈنى بېيجىڭدىكى ئىشچىلار، ئوقۇغۇچىلار، شەھەر ئاھالىسى بولۇپ5000 دىن ئارتۇق كىشى تيەنئەنمېن مەيدانىغا يىغىلىپ سەككىز دۆلەتنىڭ ئۇلتىماتۇمىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، كومپارتىيە ئەزاسى لى داجاۋ يىغىلىشتا نۇتۇق سۆزلىدى. يىغىندا ئۇلتىماتۇمنى رەت قىلىش، ئۇلتىماتۇمغا ئىمزا قويغان سەككىز دۆلەتنىڭ ئەلچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش، بېيجىڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى بۈيۈك ئىتتىپاقىنى قۇرۇش قاتارلىق قارارلار ماقۇللاندى. يىغىندىن كېيىن2000 دىن كۆپرەك ئامما تەلەپ قويغۇچىلار تۇەنى بولۇپ تەشكىللىنىپ، رەتلىك تىزىلىپ دۇەن چىرۇي ھۆكۈمىتىگە تەلەپ قويۇش ئۈچۈن تيېشىزى كوچىسىغا ماڭدى. بۇ چاغدا، تولۇق قوراللانغان نەچچە100 ئەسكەر دۇەن چىرۇينىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئاممىنى تۇيۇقسىز ئوققا تۇتتى. ئارقىدىنلا ئەسكەرلەر قوللىرىغا قىلىچ، ئىشتىكلەرنى ئېلىپ ئاممىنى ئۆلتۈردى.47 كىشى ئۆلۈپ،200 نەچچە كىشى يارىلاندى، مانا بۇ «18 - مارت» پاجىئەسىدۇر. لۇشۈن قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن كۈننى «مىنگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ زۇلمەتلىك بىر كۈن» دەپ ئاتىدى.
قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن دۇەن چىرۇي ھۆكۈمىتى جىنايى جاۋابكارلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، گۇناھنى باشقىلارغا ئارتىپ، لى داجاۋ قاتارلىقلارغا ئادەم باشلاپ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە ھۇجۇم قىلدى دەپ تۆھمەت چاپلىدى ھەمدە ئۇنى قولغا ئېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. لېكىن سىياھ بىلەن يېزىلغان تۆھمەت قان بىلەن يۇغۇرۇلغان پاكىتنى كۆمۈۋېتەلمىدى. پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىردەك دۇەن چىرۇي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى، ئۇزاق ئۆتمەي، دۇەن چىرۇي مىللىي ئارمىيە تەرىپىدىن تەختتىن چۈشۈرۈلدى.