جېنجۇ كۆۋرۈكى پاجىئەسى
جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
1931 - يىلى «18 - سېنتەبىر» ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن شاڭخەي، بېيپىڭ (ھازىرقى بېيجىڭ) قاتارلىق جايلاردىكى ئىشچىلار بەس - بەستە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئىش تاشلاش كۈرىشى ئېلىپ باردى. ياشلار، ئوقۇغۇچىلارمۇ بەس - بەستە كوچىلارغا چىقىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ، نەنجىڭ مىللىي ھۆكۈمىتىدىن قوشۇن چىقىرىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. جايلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرقايسى جايلاردىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە تەلەپ قويۇشتىن سىرت يەنە نەنجىڭغا تەلەپ قويۇشقا ۋەكىل ئەۋەتتى.9
- ئاينىڭ28 - كۈنى نەنجىڭ ۋە شاڭخەيدىكى2000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قاتتىق يامغۇرغا قارىماي، نەنجىڭ مىللىي ھۆكۈمىتىگە تەلەپ قويغىلى باردى. قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەچكە، ئۇلار دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ جېڭيەننى ئۇردى ۋە ئۇنىڭ ئىشخانىسىنى پاچاقلاپ تاشلىدى.11 - ئاينىڭ25 - كۈنى ھەرقايسى جايلاردىن نەنجىڭغا تەلەپ قويغىلى كەلگەن ئوقۇغۇچىلار20 مىڭدىن ئاشتى.12 - ئاينىڭ5 - كۈنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى نەنجىڭ كوچىلىرىدا كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، ھەربىي ۋە ساقچىلار30 نەچچە ئوقۇغۇچىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ،185 ئوقۇغۇچىنى قولغا ئالدى.7 - كۈنى شاڭخەيدىكى15 مىڭ ئوقۇغۇچى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىغا مەدەت بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى.12 - ئاينىڭ17 - كۈنى جاي - جايلاردىن كېلىپ نەنجىڭغا توپلانغان ئوقۇغۇچىلار ۋە نەنجىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ30 نەچچە مىڭ كىشى بىرلىكتە گومىنداڭنىڭ مەركىزىي پىرقىسىگە تەلەپنامە سۇنماقچى بولدى. ئوقۇغۇچىلار قوشۇنى جېنجۇ كۆۋرۈكىگە كەلگەندە گومىنداڭنىڭ زور تۈركۈمدىكى ھەربىي ۋە ساقچىلىرى يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق ئوقۇغۇچىلارنى دۇمبالاپ، نەق مەيداندىلا30 نەچچە ئوقۇغۇچىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ،100 نەچچە ئوقۇغۇچىنى يارىلاندۇردى. شۇ كۈنى ئاخشىمى مىللىي ھۆكۈمەت يەنە زور تۈركۈمدىكى ھەربىي ۋە ساقچىلارنى چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلدى ھەمدە ھەرقايسى جايلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى كەلگەن جايلىرىغا قوراللىق يالاپ قايتۇرۇۋەتتى. مانا بۇ نەنجىڭدىكى جېنجۇ كۆۋرۈكى پاجىئەسىنىڭ ھەقىقىي جەريانى.
قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى چوڭ شەھەرلىرىدىكى خەلق ئارقا - ئارقىدىن مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى. شاڭخەيدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىشچىلار قازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ مېيىت ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ،100 مىڭ كىشىلىك كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى ئۆتكۈزدى