UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەرنەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى

نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى

جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرى جۇڭگودا ئۆتكۈزگەن كەچۈرگۈسىز جىنايەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ياپونىيە ئارمىيىسى1937 - يىل12 - ئاينىڭ13 - كۈنى جۇڭگو مىللىي ھۆكۈمىتىنىڭ پايتەختى نەنجىڭنى بېسىۋالغاندىن كېيىن يۈرگۈزگەن ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىقتۇر. ياپونىيە ئارمىيىسى نەنجىڭ شەھىرىگە قەدەم قويۇشى بىلەنلا، نەسلىنى قۇرۇتۇش خاراكتېرلىك ئوت قويۇش، بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش «مۇسابىقىسى» نى ئېلىپ باردى. نەنجىڭدا تىنچ ياشاۋاتقان ئاھالىلەر ئۇلارنىڭ قارىغا ئېلىش نىشانى بولدى. شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى كوچىلاردا ئادەم بويىدىنمۇ ئېگىز جەسەت دۆۋىلىرى پەيدا بولدى، ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش ئۆڭكۈرلىرىمۇ جەسەت بىلەن توشۇپ كەتتى. يەنزىجىدا ياپون ئارمىيىسى زور تۈركۈمدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە ئەسكەرلىرىنى دەريا ساھىلىغا يالاپ ئاپىرىپ پىلىموت بىلەن ئوققا تۇتتى. مۇشۇ ئەتراپنىڭ ئۆزىدىلا50 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، دەريا ساھىلىدا جەسەتلەر تاغدەك دۆۋىلىنىپ، ھەتتا دەريا سۈيىمۇ ئادەملەرنىڭ قېنى بىلەن قىپقىزىل بويالدى. ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ نەنجىڭدىكى پۇقرالار ۋە ھەربىيلەرگە قارىتىلغان بىرنەچچە قېتىملىق چوڭ كۆلەمدىكى كوللېكتىپ قىرغىنچىلىقلىرى ئىچىدە شياگۇەندىكى ساۋشيې جىلغىسىدا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقتا ھەممىدىن كۆپ ئادەم ئۆلتۈرۈلدى.12 - ئاينىڭ18 - كۈنى ياپونىيە ئارمىيىسى ئەر - ئايال، قېرى - ياش بولۇپ57 مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگولۇقنى سىنكلانغان سىمدا باغلاپ، ساۋشيې جىلغىسىغا ھەيدەپ ئاپىرىپ پىلىموت بىلەن دەھشەتلىك ئوققا تۇتتى، ئوقتا ئۆلمەي قالغانلارنى نەيزە سانجىپ ئۆلتۈردى. ئاخىرىدا ياپونىيە ئارمىيىسى بارلىق جەسەتلەرنى كۆيدۈرۈۋەتتى. بەزى ياپون ئوفىتسېرلىرى ئادەم ئۆلتۈرۈش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق كۆڭۈل ئاچتى. ياپون ئارمىيىسى باش شتابى بۇنى «دۆلەت ھەيۋىسىنى نامايان قىلىدىغان» شەرەپلىك ھەرىكەت دەپ قارىدى. ئۇرۇشتىن كېيىنكى يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ياپون ئارمىيىسى نەنجىڭنى ئىشغال قىلغان ئالتە ھەپتە ئىچىدە جۇڭگولۇق ئارمىيە ۋە خەلقتىن300 مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرگەن. ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا نەنجىڭ كىشىلىك دۇنيادىكى دوزاخقا ئايلاندى. نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ ۋەھشىيانە ئەپت - بەشىرىسىنى تولۇق ئېچىپ تاشلاپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىغا ئەڭ ئېچىنىشلىق بىر سەھىپە قالدۇردى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى | UyghurWiki | UyghurWiki