شاجى پاجىئەسى
جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
1925 - يىلى5 - ئايدا شاڭخەيدە ياپونىيە، ئەنگلىيە جاھانگىرلىكى جۇڭگو خەلقىنى دەھشەتلىك باستۇرغان «3 - ماي» قانلىق ۋەقەسى يۈز بەردى.6 - ئايدا، گۇاڭجۇ ۋە شياڭگاڭدىكى ئىشچىلار شاڭخەي خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى كۈرىشىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن زور كۆلەملىك ئىش تاشلىدى.
گۇاڭجۇدىكى شاميەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ گۇاڭدۇڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى جايلاشقان جاي ئىدى.6 - ئاينىڭ21 - كۈنى شاميەن كونسېسسىيە رايونىدىكى جۇڭگو ئىشچىلىرى «شاميەندىكى جۇڭگو ئىشچىلىرىنىڭ شاڭخەي قانلىق ۋەقەسىگە ياردەم بېرىش، ئىش تاشلاش كومىتېتى» نى قۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گۇاڭجۇ ئىشچىلىرىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلىدى، شياڭگاڭدىكى ئىش تاشلىغان ئىشچىلارمۇ ئارقا - ئارقىدىن گۇاڭجۇغا قايتىپ كەلدى.6 - ئاينىڭ23 - كۈنى گۇاڭجۇ ۋە شياڭگاڭ ئىشچىلىرى، گۇاڭجۇ شەھەر رايونىدىكى دېھقانلار ۋە خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ تەخمىنەن100 مىڭ كىشى گۇاڭجۇنىڭ دۇڭشياۋ مەيدانىغا يىغىلىپ، «جاھانگىرلارنى يوقىتايلى!»، «تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامىلەر بىكار قىلىنسۇن!» دەپ شوئار توۋلىدى، يىغىلىشتىن كېيىن يەنە ھەيۋەتلىك كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلار قوشۇنى شاميەن كونسېسسىيىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى شاجىدىن ئۆتكەندە، ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى قوش ئاتار ۋە پىلىموت بىلەن نامايىشچىلار قوشۇنىنى ئوققا تۇتتى، ئەنگلىيە ھەربىي پاراخوتلىرىمۇ نامايىشچىلارنى تەڭلا توپقا تۇتتى. نامايىشچى ئاممىدىن52 كىشى نەق مەيداندىلا ئۆلدى،170 نەچچە ئادەم ئېغىر يارىلاندى، نۇرغۇن كىشى يېنىك يارىلىنىپ، شاجى پاجىئەسى كېلىپ چىقتى.
شاجى پاجىئەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن گۇاڭجۇ خەلقىنىڭ غەزىپى قايناپ تېشىپ، شياڭگاڭغا ئىقتىسادىي قامال يۈرگۈزدى ھەمدە گۇاڭجۇ - شياڭگاڭ ئىش تاشلاش كومىتېتى قۇرۇپ، جاھانگىرلىككە قارشى تېخىمۇ زور كۆلەملىك ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشى ئېلىپ باردى.