ۋۇ، چۇ قاتارلىق يەتتە بەگلىك توپىلىڭى
جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
خەن گاۋزۇ − ليۇ باڭ غەربىي خەن سۇلالىسىنى قۇرغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بەزى ئىنىلىرى، ئوغۇللىرى ۋە جيەنلىرىگە ھەرقايسى جايلارنىڭ بەگلىك مەرتىۋىسىنى سۇيۇرغال قىلىپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق ليۇ جەمەتىنىڭ سەلتەنىتىنى ساقلاپ قالماقچى بولدى. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇ يەنە ليۇ جەمەتىدىن بولمىغانلار ئۆزىنى بەگ دەپ ئاتىۋالسا، پۈتۈن جاھان ئەھلى بىرلىشىپ ئۆلتۈرۈشنى بەلگىلىدى. بىراق، ليۇ باڭ ئوخشاش فامىلىلىك بەگلىكلەرنىڭمۇ بىر خىل بۆلۈنمىچى كۈچ ئىكەنلىكىنى، ئوخشاشلا مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن پۇت تېپىشىدىغانلىقىنى، ھەتتا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى154 - يىلى بىرلىشىپ قوشۇن تارتىپ توپىلاڭ كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلاپ يەتمىگەنىدى.
غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا بەگلىكلەرنىڭ زېمىنى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئوخشاش فامىلىلىك توققۇز بەگلىكنىڭ زېمىنىنى قوشقاندا39 ۋىلايەت بولاتتى، لېكىن ئوردىغا بىۋاسىتە قاراشلىق زېمىن ئاران15 ۋىلايەت ئىدى. بۇ بەگلىكلەرنىڭ ھوقۇقى ئىنتايىن زور بولۇپ، يەر ئىجارىسى، باج - سېلىق يىغاتتى، پۇل قۇيالايتتى، ۋەزىردىن تۆۋەن ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەپ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرالايتتى. ئۇلارنىڭ كۈچى بارغانسېرى زورىيىپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. خەن ۋېندى ئوركانبەگ جيا يىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئەسلىدىكى سۇيۇرغال يەرلەرنىڭ سۇيۇرغال بەگلىرىنى كۆپەيتىپ، سۇيۇرغال بەگلىكنىڭ كۈچىنى تارقاقلاشتۇردى، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا بۇ سىياسەت ئەستايىدىل ئىجرا قىلىنمىدى. خەن جىڭدى زامانىسىغا كەلگەندە، باش تەپتىش بېگى چاۋ سۇ بەگلىكلەرنىڭ سۇيۇرغال يېرىنى قىسقارتىش تەكلىپىنى بەردى، ئۇنىڭ تەكلىپىنى خەن جىڭدى قوبۇل قىلدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى154 - يىلى،ئەڭ كۈچلۈك ۋۇ بەگلىكىنىڭ سۇيۇرغال يېرىنى قىسقارتماقچى بولغاندا، بۇرۇنلا ئاسىيلىق قىلىش نىيىتىدە بولغان ۋۇ بېگى ليۇ بى چۇ، جاۋ جياۋدۇڭ، جياۋشى، زىچۇەن، جىنەن قاتارلىق ئالتە بەگلىك بىلەن بىرلىشىپ لەشكەر تارتىپ چاۋ سۇنى جازالاپ، پادىشاھنى يوقىتىش بايرىقى ئاستىدا مەركىزىي ھۆكۈمەتكە بىرلىكتە قارشى تۇردى. بۇ تارىختا «ۋۇ، چۇ قاتارلىق يەتتە بەگلىك توپىلىڭى» دەپ ئاتالدى.
ئەينى ۋاقىتتا، توپىلاڭچى قوشۇننىڭ ئەلپازى يامان ئىدى. خەن جىڭدى ئەمىر لەشكەر جۇ يافۇنى لەشكەر باشلاپ توپىلاڭنى تىنچىتىشقا ئەۋەتتى. جۇ يافۇ نۇرغۇن كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ خېنەنگە كىرىپ قوشۇننى چاڭيىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، شۇ جاينى چىڭ ساقلاپ قوشۇننى مىدىرلاتمىدى. ئاندىن كېيىن يېنىك قوراللانغان ئاتلىق لەشكەرلەرنى يوشۇرۇنچە توپىلاڭچى قوشۇننىڭ ئارقا تەرىپىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئاسىي قوشۇننىڭ ئاشلىق يەتكۈزۈش يولىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. ئاسىي قوشۇن سۈيياڭغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇزاققىچە ئالالمىدى، قوشۇننىڭ ئوزۇق - تۈلۈكى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، جەڭ قىلمايلا ئۆز ئىچىدىن پاتىپاراق بولۇپ كەتتى. يەتتە بەگلىكنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى - كېيىن مەغلۇپ قىلىندى. توپىلاڭچى قوشۇن ئاسىيلىق قىلىشتىن مەغلۇپ بولغۇچە پەقەت ئۈچ ئايلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىدى. ليۇ بى جەنۇبتىكى شەرقىي يۆ بەگلىكىگە قېچىپ بارغاندا، شەرقىي يۆ بېگى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. باشقا ئالتە بەگلىكنىڭ سۇيۇرغال بەگلىرى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن ئۆلۈۋېلىشتى. خەن جىڭدى بەگلىكلەرنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي چوڭ ھوقۇقىنى مەركەزگە قايتۇرۇۋېلىپ، مەركەزدىن يەرلىك ئەمەلدار ئەۋەتىپ بەگلىك دائىرىسىدىكى خەلقنى ئىدارە قىلدى ھەمدە بەگلىكلەرنىڭ زېمىنىنى بىر - بىرلەپ ئازايتىپ، بەگلىكلەرنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتتى.