UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەرئۆڭلۈك - سۆيگۈن (ئەن لۇشەن - شى سىمىڭ) توپىلىڭى

ئۆڭلۈك - سۆيگۈن (ئەن لۇشەن - شى سىمىڭ) توپىلىڭى

جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر تاڭ شۈەنزۇڭ − لى لۇڭجى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئەتىۋارلىق خانىشى ياڭ گۇيفېيغا ئاشىقىي بىقارار بولۇپ، كۈن بويى كەيپ - ساپا، ئەيش - ئىشرەت ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرى بىلەن كارى بولمىدى ھەمدە ياڭ گۇيفېينىڭ نەۋرە ئاكىسى مەككار ياڭ گوجۇڭنى ۋەزىرلىككە تەيىنلىدى، سىياسىي جەھەتتە ئىنتايىن چىرىكلەشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاڭ شۈەنزۇڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى چېگرا رايونلارغا ۋاسساللارنى تەسىس قىلدى. ۋاسساللارنىڭ باشلىقى ھېراۋۇل لەشكىرىي ۋە مەمۇرىي چوڭ ھوقۇققا ئىگە بولغاچقا، بارا - بارا كۈچىيىپ بۆلۈنمىچى كۈچكە ئايلىنىپ، ئاخىر ئۆڭلۈك - سۆيگۈن (ئەن لۇشەن - شى سىمىڭ) توپىلىڭى كېلىپ چىقتى. مىلادىيە755 - يىلى پىڭلۇ، فەنياڭ، خېدۇڭ ئۈچ قورغاننىڭ ھېراۋۇلى ئۆڭلۈك (ئەن لۇشەن) «ياڭ گوجۇڭنى يوقىتىش» نامى ئاستىدا قوشۇن باشلاپ توپىلاڭ كۆتۈردى. ئاسىي قوشۇن جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ لوياڭنى ئېلىپ، تۇڭگۇەن قوۋۇقىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، يول بويى ئوت قويۇپ، قىرغىنچىلىق، بۇلاڭ - تالاڭ يۈرگۈزۈپ، ئۇدۇل تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەنگە قىستاپ كەلدى. تاڭ شۈەنزۇڭ ئالدىراپ - تېنەپ سىچۇەنگە قاچتى. تاڭ شۈەنزۇڭ قېچىپ ماۋېي ئۆتىڭى (ھازىرقى شەنشىدىكى شىڭپىڭ ناھىيىسى) گە كەلگەندە، نائىلاج لەشكەرلەرنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ ياڭ گوجۇڭنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، ياڭ گۇيفېينى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن داۋاملىق غەربكە قاچتى. ئۆڭلۈكنىڭ بۇرۇنلا سىياسىي قارا نىيىتى بار ئىدى. ئۇ تاڭ شۈەنزۇڭنىڭ ئىشەنچسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، خۇشامەتچىلىك قىلىپ قىلمىغىنى قالمايتتى. ئۇ ناھايىتى سېمىز بولۇپ، قورسىقى تىزىغا چۈشەتتى، ئۇ ئۆزىمۇ قورسىقىمنىڭ ئېغىرلىقى300 جىڭ كېلىدۇ دەيتتى. تاڭ شۈەنزۇڭ ئۇنىڭدىن: سىزنىڭ قورسىقىڭىز شۇنچە يوغان ئىكەن، قورسىقىڭىزدا نېمە بار؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ: ئالىيلىرىغا سادىق يۈرىكىمدىن باشقا يەنە نېمە بولاتتى؟ دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. ئۇ يەنە ياڭ گۇيفېينى تۇتۇق ئانا قىلىۋالغاندىن كېيىن، تاڭ شۈەنزۇڭنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچسى تېخىمۇ كۈچەيدى. تاڭ شۈەنزۇڭ ئۇنىڭغا كۆپلىگەن لەشكىرىي، مەمۇرىي چوڭ ھوقۇقلارنى بېرىپ ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، خورىكىنى ئۆستۈرۈپ قويدى، شۇڭا، پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەن ھامان ئۇ ئىسيان تۇغىنى كۆتۈرۈپ چىقتى. ئەينى ۋاقىتتا، ئاسىي قوشۇننىڭ كۈچى تېز كۈچىيىۋاتاتتى. لوياڭنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆڭلۈك ئۆزىنى بۈيۈك يەن پادىشاھى دەپ ئاتىدى. مىلادىيە756 - يىلى ئاسىي قوشۇن چاڭئەننى ئالدى. ۋەلىئەھد لى خېڭ لىڭۋۇ (ھازىرقى نىڭشيادىكى لىڭۋۇ ناھىيىسى) دا پادىشاھلىق تەختىگە چىقىپ، تاڭ سۇزۇڭ دەپ ئاتالدى، تاڭ شۈەنزۇڭنى ھۈرمەتلەپ بۈزرۈكۋار پادىشاھ دەپ ئاتىدى. تاڭ سۇزۇڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن، شۇفاڭ ھېراۋۇلى گو زىيى ۋە خېدۇڭ ھېراۋۇلى لى گۇاڭبىنىڭ قوشۇنىغا تايىنىپ ھەمدە غەربىي شىمالدىكى ھەرقايسى يول قوشۇنلارنى يىغىپ توپىلاڭنى تىنچىتىش كۈرىشىنى قانات يايدۇردى. مىلادىيە757 - يىلى ئۆڭلۈك ئۆز ئوغلى ئەن چىڭشۈي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. شۇ يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ نۇرغۇن كىشىلىك قوشۇنى ئاسىي قوشۇننى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، چاڭئەن ۋە لوياڭنى ئارقا - ئارقىدىن قايتۇرۇۋالدى. مىلادىيە759 - يىلى ئۆڭلۈكنىڭ قول ئاستىدىكى شى سىمىڭ (سۆيگۈن) ئەن چىڭشۈينى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزىنى بۈيۈك يەن پادىشاھى دەپ ئاتىدى. كېيىن شى سىمىڭمۇ ئۆز ئوغلى شى چاۋيى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.763 - يىلى تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشى ۋە خەلقنىڭ قارشىلىقى ئاستىدا، شى چاۋيى مەغلۇپ بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. شۇنىڭ بىلەن، سەككىز يىل داۋاملاشقان ئۆڭلۈك - سۆيگۈن توپىلىڭى ئاخىر تىنچىتىلدى. ئۆڭلۈك - سۆيگۈن (ئەن لۇشەن - شى سىمىڭ) توپىلىڭى ئىجتىمائىي ئىگىلىكنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى. گۈللەنگەن تاڭ سۇلالىسى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ، ۋاسساللارنىڭ بۆلۈنمىچىلىك ۋەزىيىتى شەكىللەندى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر