جېنگۇەن يىللىرىدىكى تۈزەش
جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەر
جېنگۇەن (مىلادىيە627 - يىلىدىن649 - يىلىغىچە) تارىختىكى نامى ئالەمگە مەشھۇر تاڭ تەيزۇڭ − لى شىمىننىڭ يىلنامى. بۇ دەۋردە جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي ئىگىلىكىدە گۈللىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كېلىپ، دۆلەت مىسلىسىز كۈچەيدى، ھۆكۈمرانلىق ئادىل يۈرگۈزۈلۈپ، جەمئىيەت نىسپىي تىنچ بولدى، شۇڭلاشقا «جېنگۇەن يىللىرىدىكى تۈزەش» دەپ ئاتىلىپ، فېئوداللىق ئاسايىشلىق دەۋرىنىڭ ئۈلگىسى دېگەن، نامغا سازاۋەر بولدى.
ئەينى دەۋردە، زىندانلار دائىم بوش تۇراتتى. مىلادىيە630 - يىلى (جېنگۇەننىڭ4 - يىلى) پۈتۈن مەملىكەتتە ئاران29 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. كىشىلەر بىرنەچچە ئاي سىرتقا چىقىپ كەتسىمۇ، ئىشىكىنى قۇلۇپلىمايتتى. جاي - جايلاردا سەپەر قىلىپ يۈرسىمۇ ئوزۇق - تۈلۈك ئېلىۋېلىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، خالىغان چاغدا يول بويىدىن ئۇزۇق - تۈلۈككە ئېرىشەلەيتتى. ئەگەر شەندۇڭ ئەتراپىدىكى يېزا - كەنتلەرگە بېرىپ قالسا، قىزغىن كۈتۈۋېلىنىپلا قالماي، بىر قىسىم سوۋغاتلارغا ئېرىشەلەيتتى. يېزا ئىگىلىكىدىن يىلمۇيىل مول ھوسۇل ئېلىنىپ، جەمئىيەت باي - باياشاتچىلىققا چۆمدى، جېنگۇەن يىللىرىدا تاڭ سۇلالىسى ھەربىي جەھەتتە مىسلىسىز كۈچەيدى، تاڭ سۇلالىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، چېگرا ئىنتايىن ئېغىر خەۋپ ئىچىدە تۇراتتى. چوڭ قۇملۇقنىڭ جەنۇب - شىمالىنى بېسىپ ياتقان شەرقىي تۈركلەر بىلەن غەربىي يۇرتنى بېسىپ ياتقان غەربىي تۈركلەر ئىچكى رايونلارغا توختاۋسىز پاراكەندىچىلىك سېلىپ، مال - مۈلۈكلەرنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلاتتى. شەرقىي تۈركلەر بىلەن غەربىي تۈركلەرنىڭ تەھدىتى ئاستىدا، تاڭ گاۋزۇ − لى يۈەن (تاڭ تەيزۇڭنىڭ ئاتىسى) ھەتتا چاڭئەن شەھىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىپ، پايتەختنى باشقا جايغا كۆچۈرمەكچى بولدى. جېنگۇەن يىللىرىدا، تاڭ تەيزۇڭ ئالدى بىلەن ھەربىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ شەرقىي تۈرك خانلىقى بىلەن سىرتاردۇش خانلىقىنى يوقاتتى، ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىتائىتىنى قوبۇل قىلىپ، قۇملۇقنىڭ جەنۇب - شىمالىدا بىرقاتار تۇتۇق مەھكىمىلەرنى قۇردى. ئارقىدىنلا يەنە قوشۇن باشلاپ تۇيغۇنلارنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى، غەربىي تۈركلەرنى يوقىتىپ، غەربىي يۇرتتا غەربنى تىنچلاندۇرغۇچى قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، تاڭ سۇلالىسى غەربىي يۇرتتا ئۈنۈملۈك سىياسىي ھۆكۈمرانلىق ئورناتتى. تاڭ تەيزۇڭ يەنە مەلىكە ۋېنچېڭنى تۈبۈت زەنپۇسى (خانى) سۇڭزەن گەنبوغا ياتلىق قىلىپ، غەربىي جەنۇبىي چېگرىنى مۇستەھكەملىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لياۋدۇڭنى قايتۇرۇۋېلىشقا كىرىشتى. مۇشۇ زور تۆھپىلەر تاڭ تەيزۇڭنىڭ نام - شۆھرىتىنى يىراقلارغا تاراتتى، ئاز سانلىق مىللەت سەردارلىرى ئۇنى ھۆرمەتلەپ «تەڭرى قاغان» دەپ ئاتاشتى.
جېنگۇەن يىللىرىدىكى تۈزەش سۈي سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ تۈرتكىسىدە بارلىققا كەلگەنىدى. تاڭ تەيزۇڭ سۈي سۇلالىسىنىڭ ھالاك بولۇشىدىكى تەجرىبە - ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ، قابىللارنى، دانالارنى ئىشقا قويۇپ، قارشى پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، سىنىپىي زىددىيەتنى پەسەيتىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان سىياسىي، ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى يولغا قويدى، نەتىجىدە، كۆپلىگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.